قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالەم مۇھەببەتكە، سۆيۈشكە، سۆيۈلۈشكە مۇھتاج

2018-02-07 16:41:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاياتلىقتا باشقىلارغا ياردەم قىلىش نوقۇل ھالدىكى ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشلا ئەمەس، چۈنكى كىشى ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرى كۆپ. بەلكىم قارشى تەرەپ بىزنىڭ بىرەر ئېغىز چىرايلىق تەسەللىي سۆزىمىزگە، ئىللىق كۈلۈمسىرەشىمىزگە، ۋاقىت چىقىرىپ قارشى تەرەپنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىشىمىزغا مۇھتاجدۇر.  بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلارغا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ئارتۇق مېھر ئاتا قىلالىساق، مانا بۇ ھەقىقىي ياردەم، ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق، ھاياتلىقتا بىز بەزىدە باشقىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ قارشى تەرەپنى ئالەمچە خوش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇنىڭدىن ئۆزىمىزمۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيمىز. قەلبىمىز چەكسىز سۆيۈنىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي ياردەمدە مىننەت ۋە تاما بولمايدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي ياردەمنىڭ مەنىسى. ئەگەر بىراۋنىڭ بىزگە ھاجىتى چۈشۈپ، بىزدە ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك ئىمكانىيەت تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا ياردەم قولىمىزنى سۇنمىساق، مانا بۇ بىزدىكى ئىنساپسىزلىقدۇر.
ھاياتلىقتا مەيلى پۇلدار بولايلى ياكى گاداي بولايلى، بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز، بىز ھامان باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ياشايمىز،ھېچكىممۇ يەككە-يىگانە ياشىيالمايدۇ. بۇنى كۆڭۈل كۆزى كورلارلا ھەقىقىي ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ. چۈنكى كۆڭۈل  كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسە كۈنلىرىمىز خۇشاللىققا، ھاياتىمىز چەكسىز گۈزەل مەنالارغا تولىدۇ. ئەتراپىمىزدا قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، پۇل تاپقاندا ئەتراپىدىكى يېتىم-يېسىر، ئىگە-چاقىسىزلارغا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ، بىزگە ھەقىقىي مېھر-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. تۇرمۇشتا باشقىلار بىزگە موھتاج بولغانغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ باشقىلارغا موھتاج بولىدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولىدۇ. دېمەك، بىز باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلالىساق، باشقىلارمۇ بىزگە ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئالەم مۇھەببەتكە، سۆيۈشكە ۋە سۆيۈلۈشكە مۇھتاج.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى