قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر ئالتە تىپىك دىلونى ئېلان قىلدى

2018-02-08 12:53:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى؛
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە دائىر ئالتە تىپىك دىلونى ئېلان قىلدى. بۇ ئالتە دىلو تۆۋەندىكىچە:
 قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابدۇراخمان رەھمىتۇللانىڭ چارۋا- مال باقمىچىلىقى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. 2013- يىلدىن 2014- يىلغىچە، ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، سايباغ يېزىسىنىڭ تاغلىق كەنتلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش، چارۋا- مال باقمىچىلىقى تۈر مەبلىغى ۋە ئۇزۇن ئارال كەنتىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغىدىن بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون 250 مىڭ يۈەننى قولغا كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزى 620 مىڭ يۈەننى ئىگىلىۋالغان. 2017- يىلى 11- ئايدا، ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، خىزمەتتىن ھەيدەلدى. جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلدى.
قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكا پونكىتىنىڭ كادىرى تۇرسۇنگۈل ساۋۇتنىڭ پاختا تولۇقلىمىسىنى ئېلىشتا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسى. 2014- يىلى، تۇرسۇنگۈل ساۋۇت يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ پاختا تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە، ئىنىسىنىڭ نامىدا 10 مو كېۋەزلىكتىن ساختا مەلۇمات بېرىپ، 2 مىڭ 670 يۈەنلىك پاختا تولۇقلىمىسىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بەھرىمەن بولغان. 2017- يىلى 11- ئايدا، تۇرسۇنگۈل ساۋۇتقا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى ئارابۇلاق كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى توختىنۇر دۇۋەننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسى. 2011- يىلدىن 2016- يىلغىچە، توختىنۇر دۇۋەن خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، 24 قېتىمدا، جەمئىي 29 مىڭ 200 يۈەن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا ئېرىشكەن. 2017- يىلى 11- ئايدا، توختىنۇر دۇۋەنگە پارتىيە ئىچىدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ تەكشۈرۈش جازاسى بېرىلدى.
جىمىنەي ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ياڭ جۈننىڭ نامرات كەنتلەرنىڭ تاشيول قۇرۇلۇش مەخسۇس مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسى. ياڭ جۈن جىمىنەي ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا، قول ئاستىدىكى خىزمەتچى خادىمنى نامرات كەنتلەرنىڭ تاشيول قۇرۇلۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن 87 مىڭ 100 يۈەننى ئاجرىتىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ پۇلنى ئىدارىنىڭ ئىشخانا خىراجىتىگە ئىشلەتكەن. 2017- يىلى 10- ئايدا، ياڭ جۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
ئارشاڭ ناھىيەسى تاشيۇ يېزىسى خويۇر توخا كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى گاۋ فېڭشەننىڭ يېقىنلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش مەسىلىسى. 2014- يىلى، گاۋ فېڭشەن خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوغلىنى نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزگەن. 2016- يىلى، ئۇنىڭ ئوغلى 416 يۈەنلىك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سۇ ھەققى ۋە مىڭ يۈەنلىك ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغان. 2017- يىلى 12- ئايدا، گاۋ فېڭشەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىلىقىدىن قالدۇرۇلدى.
قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازىرى چاتىرتال كەنتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شاۋخۇانىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. 2014- يىلى 3- ئايدىن 2016- يىلى 12- ئايغىچە، جاڭ شاۋخۇا كەنتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىمەي، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە توغرا كەلمەيدىغان ما فامىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 8 مىڭ 900 يۈەنلىك ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان. 2017- يىلى 12- ئايدا، جاڭ شاۋخۇاغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى