قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى ئابلىز مەمەتنىياز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى مەمتىمىن ئابدۇقادىرنى يوقلىدى

2018-02-09 12:38:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيەسىگە ئادەم ئەۋەتىپ، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى ئابلىز مەمەتنىياز ئائىلىسىدىكىلەر ۋە 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى مەمتىمىن ئابدۇقادىرنى يوقلىدى.
خوتەن شەھىرىدە، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ھال سوراش گۇرۇپپىسىنىڭ يولداشلىرى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى ئابلىز مەمەتنىياز ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سوۋغا قىلدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئابلىز مەمەتنىيازنىڭ ئايالى بۇزەينەپ شېرىپ مۇنداق دېدى: ــــ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ غەمخورلۇقىغا كۆپ رەھمەت، مەن بالامنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى دادىسىغا ئوخشاش ۋەتەننى، خەلقنى سۆيىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقۇزىمەن.
گۇما ناھىيەسى سانجۇ بازىرى باسقاق كەنتىدە، ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى مەمتىمىن ئابدۇقادىر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. 100 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلىنى ئالغان مەمتىمىن ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: ـــ بۇ شەرەپ يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، پۈتكۈل كەنت ئاھالىلىرىگە تەۋە. مەن بۇ ياردەم بېرىش مەبلىغى بىلەن كەنتتە بىر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمەن. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ياخشى ئىش- ھەرىكەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىمەن.گۈزەل شىنجاڭ ئەخلاق ماكانى. 2007- يىلى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە 21 نەپەر مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بارلىققا كېلىپ، ئىچكى جەھەتتە ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ، تاشقى جەھەتتە شىنجاڭلىقلارنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. 2016-يىللىق چاغان ھارپىسىدا، مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئىشخانىسى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا ياردەم بەرگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى جۇ لىنا ۋە چېن مىڭ ھال سوراپ ياردەم بېرىشكە ئېرىشتى؛ 2017- يىللىق چاغان ھارپىسىدا، يەنە ئالايىتەن ئادەم ئەۋەتىپ چىڭگىل ناھىيىسىدىكى 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ھەنىپە ئالىماخۇننى يوقلىدى ۋە مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ چاغانلىق بەخت تىلىكى ۋە ھال سوراش پۇلىنى يەتكۈزۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «ياخشىلىققا ياخشىلىق بولۇش، ئەخلاقلىق كىشىلەر جاۋابقا ئېرىشىش» تەك قىممەت يېتەكچىلىكى تۇرغۇزدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى