قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە،مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 200 دىن ئارتۇق بالا ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى

2018-02-10 23:05:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە، مەخسۇس مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان شۇنداق بىر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- تەربىيەلەش مەركىزى بار. بۇ مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ زىمياۋ80- يىللاردا تۇغۇلغان شەندۇڭلۇق يىگىت. 4 يىلدىن بۇيان، مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 200 دىن ئارتۇق بالا ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.
«ھەسەن-ھۈسەن» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆرە تۇرۇش، ئولتۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىشلىشىگە ياردەم بىرىۋاتاتتى. نورمال كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئاددىي بىلىنىدىغان بۇ ھەركەتلەرنى ئىشلەش-- پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ قىيىن ئىدى. بۇ يىل 5 يېرىم ياشقا كىرگەن ئابدۇللانىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە بىر يىل بولدى. ئابدۇللانىڭ ئاپىسى روشەنگۈل مۇنداق دېدى: بالام ئىلگىرى ئۆيدىكى ۋاقىتتا، كارىۋاتتا يېتىشتىن باشقا ئىشى يوق ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، تۇرالايدىغان، قىسقا ئارلىققا بولسىمۇ ماڭالايدىغان بولدى.
 2012- يىلى، جاڭ زىمياۋ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەرگە كەلدى. ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇ مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى كەمچىل بولۇش سەۋەپلىك، ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆردى ھەمدە بۇ بالىلارغا ياردەم بېرىشنى باشلىدى. جاڭ زىمياۋ  2013- يىلدىن 2014- يىلنىڭ باشلىرىغىچە، بۇ بالىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
2014- يىلى، جاڭ زىمياۋ ئىچكىرىدىكى مۇقىم خىزمىتىنى تاشلاپ، ئايالى بىلەن بىرلىكتە، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرىگە كىرىشىپ كەتتى. يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ھەقسىز ئورۇن ۋە ئىشخانا بويۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى. جاڭ زىمياۋ مۇنداق دېدى: مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان %70 بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بولۇپ، ھەركەت ئىقتىدارى جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ توسالغۇلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاستا- ئاستا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بالىلارغا ۋە ئاتا- ئانىلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ. بىز بىر ئاز جاپا تارتساقمۇ، پۇلىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، خوشال- خورام ۋە ئۈمىدۋار ياشىشىمىز كېرەك. مېڭە پارالىچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايمەن.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى