قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەپۇ سوراش

2018-02-10 23:22:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 «ئاداش ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولغىنى ياخشى. مېنىڭدىن خاتالىق ئۆتكەن بولسا مېنى كەچۈر».
 تەنەپپۇستا مەخموتجان مەندىن بىر خەنزۇچە خەتنىڭ مەنىسىنى سورىغاندا مەن ئالدىراش بولغاچقا لوغەتتىن ئىزدىگىن دېگەن ئىدىم. مېنىڭ بۇ گېپىم مەخموتجانغا ئېغىر كەلدى بولغاي، پېشىنى قېقىپ يېنىمدىن كەتتى. شۇ چاغدا مەن مەخموتجاننىڭ مەندىن رەنجىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. بۇ سائەتلىك دەرس كاللامغا چۈشمىدى. مەخموتجان ئىككىمىز يېقىن ئاغىنىلەردىن ئىدۇققۇ، كىچىككىنە ئىشقىمۇ رەنجىگەن بارمۇ ؟ مېنىڭ گېپىم قوپال چىقىپ كەتكەن ئۆخشايدۇ، مەن باشتا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراي دەپ كەچۈرۈم سوراش خېتى يېزىپ مەخموتجانغا ئەۋەتتىم. بىر چاغدا ئۇمۇ ماڭا جاۋاپ خېتى يېزىپ ئەۋەتىپتۇ. ئۇ خېتىدە، «نۇرمۇھەممەت، مەندىمۇ خاتالىق بار، سېنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىڭنى كۆرۈپ تۇرۇپ، سېنى ئاۋارا قىلدىم، مېنى كەچۈرگىن».  
مەخموتجاننىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولۇپ كۆڭلۈم «ۋاللىدە» يورۇپ كەتكەندەك بولدى.
يېقىن ئاغىنىلەرنىڭ كىچىككىنە ئىش سەۋەپلىك بىر- بىرىدىن رەنجىپ قالىدىغان ئىشلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن كەڭ قورساق بولغاندىلا دوستلۇقنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالايمىز. شۇڭا، كىچىك دوستلار، كەڭ قورسساق بولايلى، ئەپۇچان بولايلى!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى