قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ ھىندونېزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى بىلەن كۆرۈشتى

2018-02-10 23:26:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋاقتا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ھىندونېزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو تەرەپ ھىندونىزىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. لى كېچاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى