ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاپچال ناھىيەسىنىڭ توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن چاغانلىق ماللىرىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى

2018-02-11 13:11:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
2017- يىلى، چاپچال ناھىيەسى ئوڭۇشلۇق ھالدا دۆلەتنىڭ مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، نامرات ناھىيە قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىغىلى بولىدۇ؟ چاپچال ناھىيىسى «يېزا تور سودىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسىنى دادىل سىناق قىلدى. بۈگۈنكى «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» سەھىپىمىزدە، چاپچال ناھىيەسىنىڭ توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن چاغانلىق ماللىرىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى
ئىككى كۈندىن بۇيان، يېزا تور سودىگىرى يىن چاۋجۈن ئۈندىدار دۇكىنىنى قويۇق چاغانلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ، قىزىل رەڭ بىلەن بېزىدى ھەمدە چاپچال گۈرۈچى، قېزا قاتارلىق تاۋارلارنى تونۇشتۇرغان سۈرەتلەرنى «بەخت» خېتى بىلەن بېزەپ، ئۇنىڭغا چاغانلىق مەسنەۋى قوشتى. ئۇ ئۆزىنى توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ چاغانلىق ماللارنىڭ ئەلچىسى دەپ ئاتايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:« چاغان مەزگىلىدە ئوتتۇرىچە تىجارەت سوممىسى ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بىر يىلدا تەخمىنەن 4-5 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ».
چاپچال ناھىيەسىدە يىن چاۋجۈنگە ئوخشاش تور سودىگىرى ئىككى مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« چاپچالنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چاغانلىق ئالقىشقا ئېرىشكەن مالغا ئايلىنىشى ماختاش ۋە كۆپتۈرۈشتىن ئەمەس بەلكى مەھسۇلاتنىڭ يېشىل ئورگانىك ياخشى سۈپىتىدىن بولدى. گۈرۈچ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئۈچۈن، چاپچال گۈرۈچى جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، 23 كارخانا ۋە كوپىراتىپ بۇنىڭغا قاتناشتى ھەم ئۈچىنچى تەرەپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، چاپچال شالىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، مەنبەدىن تىزگىنلەش ۋە جەرياننى باشقۇرۇش ئارقىلىق، شالنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى».
چاپچال ناھىيەلىك شال ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئىشچىلار پۈتۈن ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە گۈرۈچلەرنى ئىنچىكە ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى. سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى فۇ چىڭچۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« ھازىر ياخشى مالنى ياخشى ئوراپ قاچىلاش كېرەك. ئورگانىك ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىسى چاپلاپ، قەغەز قۇتىغا ۋاكوئوملۇق قىلىپ قاچىلاش ئارقىلىق، چاپچال گۈرۈچىنى سۈپىتىگە لايىق باھادا ساتقىلى بولىدۇ. «جۇڭگونىڭ ئورگانىك يېمەكلىكى» دېگەن بۇ بىر نەچچە خەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز ئالتە يىل كۈرەش قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە ئورگانىك مەھسۇلاتىمىز روياپقا كەلدى».
ئەلا سۈپەت، نەپىس ئوراش ۋە نۇقتىدىن نۇقتىغا توردا سېتىش ئەندىزىسى قوشۇلۇپ، بىر قاپ بەش كىلوگراملىق ئېسىل چاپچال گۈرۈچىنى 150 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. ياخشى ئاشلىق تېرىپ، ياخشى باھادا سېتىپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكىنى يەنىلا دېھقانلار بولدى. ناداچىنىرۇ يېزىسى ئورگانىك شال كوپىراتىپىدىكى دېھقان ئابلىتىپ سىدىق يېقىندا كەنت تەشكىللىگەن شال تېرىقچىلىقى كۇرسىغا قاتناشقان ئېدى. ئورگانىك شالغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان ئابلىتىپ سىدىق بارغانسېرى بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بىلىم بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:« بىر يىلدا 2-3 قېتىم تەربىيەلەش كۇرسى بار. ھازىر مەھسۇلات مىقدارى كۆپەيدى. ئىلگىرى بىر مو يەردىن 500-600 كىلوگىرام ھوسۇل چىقاتتى. ھازىر 700-750 كىلوگرام چىقىدۇ. بۇ يىل 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىم مۇمكىن».
چاپچال گۈرۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە، يەرلىك تۇخۇم، قايماق قاتارلىق ئىلگىرى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان يەرلىك مەھسۇلاتلارمۇ تەدرىجى ھالدا توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن چاغانلىق مالغا ئايلىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى.
ھازىر كەنت دەرىجىلىك تور سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى چاپچال ناھىيەسىنى تولۇق قاپلىدى. كەسىپلەشكەن تور سودىگەرلىرى قوشۇنى شەكىللەندى. چاپچال ناھىيەلىك تور سودا كەسپى باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى يۈ شىياۋپىڭ مۇنداق دېدى:« ھازىر تور سودىسى بويىچە تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرىۋاتىمىز. بىزنىڭ تەربىيەلەش سۇبيېكتىمىز يېزا-بازاردىكى نامرات ئاھالىلەر، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاياللار قاتارلىقلار. تور سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ سۇپا ئارقىلىق يەرلىك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى ھەر قايسى جايلارغا سېتىپ چىقىرىمىز».

تەرجىمان: نازىم

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى