قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئەڭ ياخشى ئائىلە تەربىيەسىدۇر

2018-02-11 20:03:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، بىر قېتىملىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان ئائىلە تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ دوكلاتتا 4800 ئاتا -ئانا ۋە 4300 بالا ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى توسالغۇ تەكشۈرۈشتە ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى نورمال ئىش ئىدى. تەكشۈرۈشتە نېمە ئۈچۈن ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش توسالغۇسى كۆرۈلىدۇ؟ بۇنىڭدا بىر جەھەتتىن، ھازىرقى نۇرغۇن ئاتا - ئانا خىزمەتنى دەپ بالىلىرىنى ئۆيگە بېكىندۈرۈپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا نۇرغۇن باھانە -سەۋەبنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئەمما بالىلارنى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرۇپ قويغاندا، ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.
يەنە بىر جەھەتتىن، بەزى ئاتا -ئانىلار گەرچە بالىلىرى بىلەن بىللە بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، بالىلىرى بىلەن پات -پات پىكىر ئالماشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ. ھەتتا بەزى ئاتا -ئانىلار قاتار چاي، توي -تۆكۈن ۋە باشقا ئىشلارنى دەپ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. يەنە بەزى ئاتا - ئانىلار بالا تەربىيەسىگە شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا كۇرۇژۇكلاردا ئۆگەنگەنلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشلا خالاس. ئۇلار قارىماققا بالىلىرىنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەربىيەلەش يۆنىلىشىدە ئېغىپ كېتىپ، پەرزەنت تەربىيەسىدىكى قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئازدۇر- كۆپتۇر ناچار ئىجتىمائىي ئادەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
ئاتا- ئانىلار بالىلارغا تەربىيە ئىشلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنى تىزگىنلىۋالماسلىقى ياكى ئۇلارنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك، ئەكسىچە بالىلارغا يېتەرلىك ئۆسۈپ- يېتىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇشى، ئۇلار بىلەن پات- پات پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىشى، بالىلارنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، ئۇلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئىشنىڭ نېمىشقا خاتا بولغانلىقىنى تونۇشى ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئۆگىنىشىگە سەل قاراش بالىلارنىڭ توغرا ئاڭ تىكلەش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بالىلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغىمۇ پايدىسىز. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ئائىلە تەربىيەمىزدە ئۇسۇل- چارە كەم ئەمەس، تېخنىكىمۇ كەم ئەمەس، شۇنداقلا كۆيۈنۈشمۇ كەم ئەمەس، كەم بولۇۋاتقىنى ئىشىنىش، چۈشىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش. پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا بالىلار بىلەن ھەقىقىي سىرداشقىلى، بۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەمراھ بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ ئەڭ موھتاج بولىدىغىنى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەقىل بىلەن ھەمراھ بولۇشىدۇر. ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالاش- خالىماسلىقى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا باش رول، قوشۇمچە رول ئېلىشى ياكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان تاماشىبىن بولۇشى بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەربىيەلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەيلى مەكتەپ تەربىيەسى بولسۇن ياكى ئائىلە تەربىيەسى بولسۇن، قەلب جەھەتتىكى چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشلا ئەڭ ياخشى تەربىيەدۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى