قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك ئۈنچىلەر...

2018-02-12 19:44:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۇنيادا شۇنداقمۇ ئادەملەر باركى، سىزگە ھەمىشە قېلىنراق كىيىنىۋال، سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل دەپ تاپىلىسا، سىز بۇنى ئاۋارچىلىق دەپ قارايسىز، بىراق يەنىلا ئىللىقلىق ھېس قىلىسىز. يانچۇقىڭىز قۇرۇقدىلىپ قالغاندا، ئۇ ھەمىشە پۇل تېپىش ئاسان ئەمەس، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن سىزگە تەلىم بېرىدۇ، ھەم تەلىم بەرگەچ سىزگە پۇل بېرىدۇ، بۇ دەل سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىزدۇر.
ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى، ئوقۇتقۇچىدا قۇياشنىڭ ھارارەتلىك نۇرى بار، ئوقۇتقۇچىدا ئىنسانغا بولغان چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت بار، ئوقۇتقۇچىدا ئنسانىيەتنى يورۇقلۇققا، بەخىت- سائادەت يولىغا باشلايدىغان پاك، سەمىمى تىلەك ۋە  ئۇمىد- ئارزۇلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئالىجاناپ روھ بار، شۇڭا ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار بىزنىڭ مەڭگۇ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ كىشىلەردۇر.
ياخشىلار قەلبى - سۈزۈك دېڭىز دولقۇنى، كارىزلارنىڭ يېقىملىق كۈيى. قەلبلەرنى قەلبلەرگە ئۇلايدىغان مەڭگۈلۈك رىشتە، مېھىر- مۇھەببەت گۈلخانىنىڭ يالقۇنى. ياخشىلار قەلبى- بىزگە يول باشلىغۇچى، بىزنى يۆلىگۈچى، مۈشكۈللىرىمىزنى ئاسان قىلغۇچى، بىزگە يول كۆرسەتكۈچى مەڭگۈلۈك ماياك. ياخشىلار قەلبى- پاكىز ئەقىدە بىلەن ھاياتقا مېھىرلىك ئىپار چاچىدۇ. قۇياشتەك سېخىيلىك بىلەن قەلبلەرگە مۇھەببەت بېغىشلايدۇ. ياخشىلار بولغاچقا، ئادەملەر ئادەملەرگە كۈچ  ـ جاسارەت بېرىپ، بەخت  ـ ئىقبال قۇچىقىنى كەڭ ئاچىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى