قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

2018-02-13 13:04:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 13 مىليون مودىن تۆۋەن بولماسلىقى، بۇغداي مەھسۇلاتىنىڭ 5 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 32 مىليون 370 مىڭ مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 14 مىليون 274 مىڭ توننا بولغان. شىنجاڭلىقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 595 كىلوگىرام بولۇپ، ئاشلىقتا ئۆزىنى- ئۆزى قامداش ۋە ئېشىنىش ئەمەلگە ئاشقان. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق تېرىلغۇ مۇددىئاسىدا،«2 دە تارىيىش، 5 تە ئېشىش» ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن. يەنى ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى تارىيىپ، كېۋەز، قىزىلچا، كۆكتات، قوغۇن- تاۋۇز ۋە باشقا زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى ئاشىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى