قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«سىرلىق بۇلاقتىن ئۈچ ئاي ئىچىدە 20 مىليون يۈەنلىك بايلىق سۈزۈۋېلىش» ماۋزولۇق ماقالىنىڭ1- قىسمى

2018-02-13 12:58:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بۇ بىر سىرلىق بۇلاق، بۇ بۇلاق ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى پۈتۈن مال بىساتىدىن ئايرىغان. سۆز چۆچەككە ئىشەنمەيدىغان باش پىرسوناژىمىز بۇ سىرلىق بۇلاققا جەڭ ئېلان قىلماقچى بولدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي بايقاش ئۇنىڭ بۇ سىرنى ئېچىپ، قىسقۇچپاقا بېقىپ، يول تېپىشىغا سەۋەپ بولدى. 2017- يىلى ئۇ مول- ھوسۇللۇق بىر يىلنى كۈتۈۋالدى. ئۈچ ئاي ئىچىدە 20 مىليون يۈەن پايدا ئالدى. لېكىن باقمىچىلىق بازىسى ئېغىر بالايى- ئاپەتكە دۇچ كەلدى. سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە، باقمىچىلىق بازىسى مۇشۇنداقلا يوقىلىپ كېتەمدۇ؟ 100 مىڭ كىلوگىرام قىسقۇچپاقىنى ئوڭۇشلۇق ساتقىلى بولامدۇ؟ ئۈچ ئايلىق كىرىم 20 مىليون يۈەن دېگەنلىك زادى چۈشمۇ ياكى رىياللىق؟
  بۈگۈنكى باش پىرسوناژىمىزنىڭ ئىسمى كۇ يۈەنچىن، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ناھايىتى مەنىلىك، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ سۇ بىلەن ناھايىتى زىچ ھەم سىرلىق مۇناسىۋىتى بار. يەتتە يىل ئاۋال، سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى تېشىپ كېتىش سەۋەبلىك ئۇ تۇرۇشلۇق كەنتنى سۇ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ، كۆچمەنلىك ھاياتىنى باشلىغان. نۇرغۇن يىل ئىزدىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرى پۇل تاپقىلى بولىدىغان بىر خىسلەتلىك بۇلاقنى بايقىغان ۋە ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى باشلاپ، بۇ يەردە بىر قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق مەيدانى قۇرغان. 2017- يىلى ئۇ قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئالدى، ئۇ قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ئىچىدىلا 20 مىليون يۈەنلىك قىسقۇچپاقا سېتىپ چىقاردى، لېكىن يەنە شۇ «سۇ» سەۋەبلىك تاپقان پۇللىرى كۆپۈككە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟
 مۇخبىر 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شىچۈەن ناھىيەسى كۇلوۋ كەنتىگە كەلدى. ھەر يىلىنىڭ 10- ئېيى كۇ يۈەنچىن ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان مەزگىل، ئۇ باققان جۇڭگو قىسقۇچپاقىسىنىڭ يەنە بازارغا سېلىنىدىغان پەسلى يېتىپ كەلدى. ئۇ 2017- يىلى باقمىچىلىق مەيدانىنى ياخشى باشقۇرغانلىقتىن، مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ كىلوگىرامدىن ئاشتى، سېتىلىش سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ ئەسلى خوش بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى. لېكىن، مۇخبىر كۇ يۈەنچىننىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا بارغاندا ئۇ غەم تۈپەيلىدىن تاماق يىگۈسى كەلمەس، ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغان ئىدى، چۈنكى، ئۇنىڭ باقمىچىلىق مەيدانى ھازىر خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى. مۇخبىر كۇ يۈەنچىننىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا بارغاندا، ئۇ تېلېفۇندا بىرسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، كەيپىياتى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. مۇخبىر كۇ يۈەنچىندىن: «كۇ باش دېرىكتور، بەك غەمكىن كۆرۈنىسىز، سىرگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟»دەپ سورىغاندا، كۇ يۈەنچىن: «ھازىر كۆلچەك ئىچىدىكى سۇ ئورنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، سىرتتىكى سۇ بولسا داۋاملىق ئىچىگە كىرىۋاتىدۇ. ئەگەر كۆلچەكتىكى سۇ داۋاملىق كۆپىيىۋەرسە، بەلكىم تۆۋەندىكى بۇ ئورۇن، ھەتتا كۆلچەكمۇ پۈتۈنلەي سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.
 بۇ باقمىچىلىق بازىسىدا 43 قىسقۇچپاقا باقىدىغان كۆلچەك بولۇپ، جەمئىي مىڭ مودىن ئارتۇق باقمىچىلىق كۆلىمى بار. قىسقۇچپاقا كۆلچىكى توسمىسىنىڭ سىرتى بولسا دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرى، ئۇدا ياغقان يامغۇر تۈپەيلى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنى 166 مېتىرغا يەتكەن ئىدى. ئەگەر سۇ ئورنى يەنە تۆت مېتىر ئۆرلىسە، كەلكۈن توسمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باقمىچىلىق بازىسىدىكى 500 مو كېلىدىغان قىسقۇچپاقا كۆلچىكى بىراقلا سۇدا غەرق بولىدۇ. كۇ يۈەنچىن مۇخبىرغا: «ئەزەلدىن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئادەتتە سۇ ئورنى بۇنچىلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيتتى، 2017- يىلى تۇنجى قېتىم سۇ ئورنىنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى» دېدى. ئۇ يەنە مۇخبىرغا: «سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنى قىسقۇچپاقا كۆلچىكىدىن ئىككى مېتىر يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، سۇ ئامبىرىدىكى سۇ، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا يولى ئارقىلىق قىسقۇچپاقا كۆلچىكىگە قۇيۇلىدۇ. ھازىر قىسقۇچپاقا كۆلچىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىر ئېشىپ كەتتى. دەسلەپتە لايىھەلىگەن قىسقۇچپاقىنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان نېپىز پەردىمۇ سۇ ئامبىردىن كىرگەن سۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن قىسمەن جايلىرى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، قىسقۇچپاقا ھەر ۋاقىت قېچىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.
 جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۇ يۈەنچىن ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، نېپىز پەردىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، قىسقۇچپاقىنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. كۇ يۈەنچىن مۇخبىرغا: «دەسلەپتە قىسقۇچپاقىلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا قېچىپ كەتتى، كەچتە باشقىلار بىزنىڭ قىسقۇچپاقىلىرىمىزدىن نەچچە ئون كىلوگىرامدىن جىقراقنى تۇتۇپ ئەكىلىپ بەردى. بىر كىلوگىرام قىسقۇچپاقىنىڭ باھاسى 200 يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بىردەمدىلا ئون مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان بولدى» دېدى. 500 مو كېلىدىغان قىسقۇچپاقا كۆلچىكىدە تەخمىنەن 35 مىڭ كىلوگىرامدىن 40 مىڭ كىلوگىرامغىچە قىسقۇچپاقا باققىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي باھاسى 9 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ پۇللارنىڭ سۇدا ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، كۇ يۈەنچىن خەتەر ئىچىدە قالغان قىسقۇچپاقىلارنى يەنە بىر باقمىچىلىق بازىسىغا يۆتكىمەكچى بولدى، ئۇنىڭ يەنە بىر باقمىچىلىق بازىسى بۇ جايدىن 3 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ يەر شەكلى ئېگىز ھەم بىخەتەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قىسقۇچپاقىلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايغا يۆتكەپ كېتىلدى.
مۇخبىرنىڭ: «بۇ بىر توردا قانچىلىك قىسقۇچپاقا تۇتقىلى بولىدۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا قارىتا، كۇ يۈەنچىن: «ئوخشاش ئەمەس، كۆپ ۋاقىتتا بىر تور تاشلاشتا 50 كىلوگىرام ئەتراپىدا تۇتالايمەن» دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭغا ئوخشاش سۇ بەك چوڭقۇر بولغان كۆلچەكتە سۇنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا، كۇ يۈەنچىن تور تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىسقۇچپاقىلارنى يۆتكىمەكچى بولدى. ئۇ ھەر كۈنى كەچتە 15 ئورۇنغا يەر ئاستى تورى تاشلاپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر توردىن 25 كىلوگىرام ئەتراپىدا قىسقۇچپاقا تۇتسا، بىر كۈندە تەخمىنەن 375 كىلوگىرام قىسقۇچپاقا تۇتالايتتى. كۇ يۈەنچىن كەچتە يەر ئاستى تورى قويۇپ، ئەتىگەن سائەت ئالتە- يەتتىلەردە تورنى يىغدى ۋە تۇتقان قىسقۇچپاقىلارنى سۇ ئورنى يۇقىرى سۇ كۆلچىكىگە يۆتكەپ ماڭدى. بۇنىڭدەك سۇ ئورنى يۇقىرى ئەمەس كۆلچەكتىكى قىسقۇچپاقىلارنى كۇ يۈەنچىن ئىشچىلارنى تەشكىللەپ، كۆلچەكتىكى سۇلارنى تازلاتقۇزۇپلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىسقۇچپاقىلارنى تۇتالايدۇ. تەخمىنەن 3 كۈندە بىر كۆلچەكنى تازلاپ بولغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ناھايىتى جىددىيلىشۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
كۇ يۈەنچىن خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە كېچە- كۈندۈز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، قىسقۇچپاقىلارنى كۆچۈرۈۋاتاتتى. كۇ يۈەنچىن مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قېتىملىق قىسقۇچپاقا تۇتۇش تاماملاندى، لېكىن، يەنە ئىككى قېتىم تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى سۇ ئاستىدىكى لاي- لاتقىلار ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان قىسقۇچپاقىلار بار. كۆلچەككە يەنە ئازىراق مۇز قوشۇپ، سۇ ئورنىنى تېيىزراق قىلساق، سۇ ئاستىدا تۇرۇپ قالغان قىسقۇچپاقىلار ئۆزلىكىدىن لەيلەپ چىقىدۇ» دېدى. 500 مو كېلىدىغان كۆلچەكتىكى قىسقۇچپاقىنىڭ ھەممىسىنى يۆتكەپ بولۇش ئۈچۈن يەنە ئون كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئون كۈن ۋاقىت ئىچىدە كۇ يۈەنچىننىڭ ھەر بىر كۈنى قاتتىق ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتىشى مۇمكىن. چۈنكى، سۇ ئامبىرىدىكى سۇ ئورنىنىڭ يەنە قانچىلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، باقمىچىلىق بازىسىنى ھەر ۋاقىت كەلكۈن بېسىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. كۇ يۈەنچىن ھازىر 100 مو كۆلەمدىكى قىسقۇچپاقىنى تۇتۇپ بولغان بولۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قالغانلىرىنى تۇتمىسا بولمايتتى.مۇخبىرنىڭ«يەنە داۋاملىق ئىشلەمسىز؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا، كۇ يۈەنچىن: «يەنە ئىشلەيمىز! بۇلارنى ئون كۈن ۋاقىت ئىچىدە يۆتكەپ بولمىساق بولمايدۇ» دېدى. كۇ يۈەنچىن قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللانغان يەتتە يىلدىن بۇيان،2017- يىلى قىسقۇچپاقا مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ، مۆلچەر بويىچە 100 مىڭ كىلوگىرام قىسقۇچپاقىنى بازارغا سالغىلى بولاتتى. كۇ يۈەنچىن ھەر خىل يامان ئېھتىماللىقلارنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بىردىنبىر ئويلاپ باقمىغىنى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىدى. كۇ يۈەنچىن ۋاقىت بىلەن بەسلەشمەكتە، ئۇ چوقۇم قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە قىسقۇچپاقىلارنى يۆتكەپ بولۇشى لازىم. كۇ يۈەنچىن يېنىدىكى خىزمەتچى خادىمدىن: «يەر ئاستى تورى قېنى؟ قانچىنى تارتىپ چىقاردىڭلار؟» دەپ سورىدى. خىزمەتچى: «تۆتنى تارتىپ چىقاردۇق» دەپ جاۋاب بەردى. قىسقۇچپاقىلارنى يۆتكەش كۇ يۈەنچىننى ئەنسىرىتۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى، ھەممىدىن بەكرەك ئۇنى ئەنسىرەتكىنى بولسا، قىسقۇچپاقىنىڭ كېيىنكى سېتىلىش مەسىلىسى ئىدى.
  بۇ كۇ يۈەنچىننىڭ يەنە بىر باقمىچىلىق بازىسى. بۇ باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 مو. ئىككى بازىنى بىرلەشتۈرگەندە 100 مىڭ كىلوگىرامدىن ئارتۇق قىسقۇچپاقا چىقىدۇ. بۇ قىسقۇچپاقىلارنى بازارغا سالغاندا 20 نەچچە مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. قىسقۇچپاقا 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ئىچىدە پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ كۇ يۈەنچىنغا نىسبەتەن بىر چوڭ سىناق. كۇ يۈەنچىن: «يەنە قايسى كىچىك دوست كېلىپ چېلەكنى ئېلىپ كېتىدۇ؟» دەپ سورىدى. كۇ يۈەنچىن بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ نەنياڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنى بازىسىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە قىسقۇچپاقا تۇتۇپ، سەھرا تۇرمۇشىدىن ھوزۇر ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. كۇ يۈەنچىن كىچىك دوستلاردىن: «كىمنىڭ چېمپىيون بولغۇسى بار؟» دەپ سورىدى. كىچىك دوستلار بەس- بەستە: «مەن، مەن! مېنىڭ چىمپىيون بولغىم بار» دەپ ۋارقىراشتى. كۇ يۈەنچىننىڭ خوتۇنى لى جۈەن: «كىچىك دوستلار ، قېنى باشلاڭلار» دېدى. كۆپچىلىك قىسقۇچپاقا كۆلچىكىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، تەقەززارلىق بىلەن سىناپ بېقىشقا ئالدىرىدى. كۇ يۈەنچىن: «مۇسابىقە قايىدىسى 10 مىنۇتتا ئەڭ كۆپ قىسقۇچپاقا تۇتقان ئادەم ئۇتقان ھېسابلىنىدۇ، قېنى مۇسابىقە باشلاندى!» دەپ ئېلان قىلدى. مۇخبىر شۇ جايدىكى بىرەيلەندىن: «سىز قانچە تال قىسقۇچپاقا تۇتتىڭىز؟» دەپ سورىغاندا: «3 تال قىسقۇچپاقا تۇتتۇم» دەپ جاۋاب بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى