قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قىلالمىدىم، دېگەنچە قىلالمايسىز

2018-02-13 13:28:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەتراپىمىزدا خىزمىتىنىڭ ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقى، باشلىقىنىڭ دائىم ئىنتايىن قىيىن ئىشلارغا بۇيرۇيدىغانلىقى ياكى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ناۋادا شۇنداق كىشىلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپلا:
-باشلىق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى تەس كۆرۈپ ئورۇندىيالمىغان خىزمەتدىشىڭىز بارمۇ؟- دەپ سورىسىڭىز، ئۇ دەقىقە تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئەزەلدىن ئويلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلاردىلا ئەمەس، خېلى ئۇزاق يىللىق خىزمەت تارىخى بار، ئازدۇر- كۆپتۇر قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ باققان كونا خىزمەتچىلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، سىز «قىلالمىدىم» دېگەن ئىشنى قىلالايدىغان ئادەم چۇقۇم چىقىدۇ، ھەتتا ئاشۇ ۋەزىپىنى گۈلى- گۈلىگە كەلتۈرۈپ ئورۇندىۋەتكەن خىزمەتدىشىڭىزنىڭ خىزمەت تارىخى، ئىقتىدارى سىزگە يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنداقتا مەسىلە زادى قەيەردىن چىقتى؟ بۇنىڭ بىردىنبىر جاۋابى شۇكى، مەسىلە دەل ئۆزىڭىزگە چەك قويۇۋالغانلىقىڭىزدا.
ئادەتتە پىسخىكىدا «ئۆزىگە چەك قويۇۋېلىش»قا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: ئۆزىگە چەك قويۇۋېلىش- شەخسنىڭ مەلۇم بىر ئىشتا مەغلۇپ بولۇش مۇمكىنچىلىكىگە قارىتا ئالدىنئالا توسالغۇ لايىھەلىۋالىدىغان بىر خىل قوغدىنىش ھەرىكىتىدۇر. گەرچە بۇ خىل قوغدىنىش ھەرىكىتى ئۆزىدىكى ئەسلىي ئىقتىدارنىڭ يەتمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىدىن ساقلاپ، ئۆزلۈك قىممەت قارىشىنى ۋاقىتلىق قوغدىسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى چەكلىگۈچىنى مۇۋەپپەقىيەت پۇرسىتىدىن دائىم مەھرۇم قالدۇرىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىنى مۇۋەپپەقىيەت يولىدىن توسۇپ قويىدىغان نەرسە شەخسنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ياكى مۇھىتنىڭ ماس كەلمەسلىكى ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە چەك قويۇش ئىدىيىسىدە بولغانلىقىدۇر.
    ئۇنداقتا بۇ خىل ئىدىيەدىن قانداق قىلغاندا تېز قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا، ئاۋۋال شۇ ئىشقا تۇتقان دەسلەپكى پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىڭىزگە ياخشى بىشارەتلەرنى بېرىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر سىز قىلالمىغان ئىشنى باشقىلار ئوڭۇشلۇق قىلسا ئۈمىدسىزلەنمەڭ، بەلكى كەلگۈسىڭىزنىڭ يەنىلا پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئاساستا ئۆزىڭىزنى قىلچە كەمسىتىش تۇيغۇسىدا بولماستىن، بۇنى «چۇقۇم سىز بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر جەريان» دەپ چۈشىنىڭ. بىر ئىشنى قانداق ۋۇجۇدقا چىقىرىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلە ئىدىيەرىڭىزنىڭ كاشىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىش قىلىش ئۇسۇلىڭىزدىن مەسىلە چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇڭا «ئۆزىڭىزگە چەك قويۇۋېلىش» كۆرۈلگەندە، دەرھال بۇ خىل ئىدىيەنى ئاكتىپ ھالەتكە بۇراشقا تىرىشىپ، ئۆز- ئۆزىڭىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن: «مەن قىلالايمەن» دەيدىغان ئاكتىپ بىشارەتنى بېرىڭ ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇرىڭىز بىلەن ھەرىكىتىڭىزنى بىرلەشتۈرۈڭ، شۇندىلا چۇقۇم ۋەزىپىنى گۈل- گۈلىگە كەلتۈرۈپ ئورۇندىيالايدىغان غالىبلارغا ئايلىنىسىز.ھەر قانداق ئىشنى «قىلالمايمەن» دېگەنچە قىلالمايسىز، «قىلالايمەن» دېگىنىڭىزدە مەغلۇپ بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق شۇ مەغلۇپ بولۇش جەريانىدىكى سىز ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىڭىزگە ئاكتىپ ئېنىرگىيە ئاتا قىلىش نىسبىتى «قىلالمايمەن» دېگەندىكى ئەھۋالدىن %100 پەرقلىق بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى