قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىشتا ئاپتوموبىلنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

2018-02-13 13:43:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئاپتوموبىل گەۋدىسى
قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ھاۋا سوۋۇيدۇ، ئاپتوموبىلنى يۇيۇشمۇ ياز پەسلىگە قارىغاندا ئازلايدۇ. ئاپتوموبىلغا  موم يالىتىش قىش پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئاسراش ئۇسۇلى، چۈنكى موم يالاتقان ئاپتوموبىلغا  ئاسانلىقچە سۇ يۇقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇز تۇتۇشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
2.ئەينەك سۈرتكۈچ
قار-يامغۇرلۇق ھارا راھىدا، ئەينەككە مۇز تۇتۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئەينەك سۈرتكۈچ شامال توسۇش ئەينىكىگە چاپلىشىپ قالسا، ھەرگىز ئىسسىق سۇدا يۇيمىغان ياخشى. چۈنكى، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، ئەينەك سۈرتكۈچنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ قالىدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىسسىق شامالغا  تەڭشەپ، شامالنىڭ يۈنۈلۈشىنى شامال توسۇش ئەينىكىگە قاراتقاندا، ئەينەك سۈرتكۈچ ئەينىكىدىن تەبىئىي  ئاجرايدۇ.
3. ئەينەك
 قىش پەسلىدە شامال توسۇش ئەينىكىنى سۇ بىلەن يۇيغاندا ئاسان مۇز تۇتىدۇ. ئەگەر سىز  تۇرۇۋاتقان جاينىڭ تېمپېراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن بولسا، توڭلىماس ئەينەك تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى  ئىشلەتسىڭىز، مۇز تۇتۇش سەۋەبلىك شامال توسۇش ئەينىكىگە دەز كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. قىش پەسلىدە كاۋچۇك چاق قاتتىقلىشىپ، سىرتى چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ.
 شۇڭا، چاقنىڭ بېسىمىنى يۇقىرى قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. چاقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىىش ئۈچۈن چاقنىڭ ئارىسىغا كىچىك تاش پارچىسى ياكى ئۆتكۈر نەرسە كىرىپ قالسا، ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى