ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون چاغاننى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارمىيە- يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2018-02-13 20:13:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

 ئاپتونوم رايون 2- ئاينىڭ 10- كۈنى چاغاننى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارمىيە- يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

 

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاينىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالدى، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋەت قەلبلەرگە چوڭقۇر ئورنىدى. ئاپتونوم رايون 2- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاغاننى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارمىيە- يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، چاغاننى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋېلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئىزھار قىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق مەسلىھەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، قىسىمدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، مېيىپ ھەربىيلەر، ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلار، ھەربىيدىن قايتقانلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىغا چاغانلىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، چاغان مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغان ۋە ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە 1- سېپىدە چېگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۇۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ قان- تەرى سىڭگەن.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئەمەلىي ئۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ قوشۇن»نىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەڭ مەدھىيەسىگە ئېرىشتى. يېڭى بىر يىلدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن قىسىمنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىنى، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا باشتىن- ئاخىر بويسۇنۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىشىنى، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان سەر خىل قوشۇن قۇرۇشىنى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل، ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىم قۇرۇپ، چېگرانى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، قىسىم ۋە بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، ھەربىيدىن قايتقانلار ۋە ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلار، ھەربىي قىسىمدىن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قوشۇن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئارمىيە- خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم 21- سىناق مەشىق بازىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى كۇڭ لىڭسەي، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ ئەيگو، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى تاۋ داپېڭ، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى رېن يەنبو شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ قەتئىي بىردەك ئەگىشىپ، يادرونى قوغداش، بارلىق ھەرىكەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقى، بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىغان مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىنى تولۇق ئىپادىلىدى؛ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىسىم ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئۈنۈم، يېڭى قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق بەخت تىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى تۈپ يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىنغان ھەربىي مەشىقنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، بوشاشتۇرۇپ قويماي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى