قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى خۇلاسىلەش- تەقدىرلەش يىغىنى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2018-02-13 20:36:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2017- يىللىق خۇلاسىلەش- تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ئېغىر يۈكنى باتۇرلارچە كۆتۈرۈپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئادا قىلىپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ ۋە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى دەۋردە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر «تۆت ئاڭ»نى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى، ئورگاننىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەسسىلەپ قوغداپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېتىقاد جەھەتتە قەتئىي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى ئۈزلۈكسىز قوراللاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سادىق ئېتىقادچىسى ۋە قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە قەتئىي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى يۈكسەك سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت جەھەتتە قەتئىي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش مەنزىلى ۋە روھى بىلەن، دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەي سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىدار جەھەتتە قەتئىي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. سىياسىي ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى يېڭى تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىل جەھەتتە قەتئىي قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك. قەتئىي مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقتىن، تەشكىلدىن، قانۇن- ئىنتىزامدىن ئەيمىنىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، راست سۆزلەپ، سەمىمىي ئىش قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئوننى ياخشىلاش»، «ئوننى قىلماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت كەيپىيات»، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي يېڭىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چاغان مەزگىلىدە مۇقىملىقنى، بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەتچىلىك، نۆۋەتچى باشچىلىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەر بىر تارماق، ھەر بىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى، بىخەتەرلىكنى قوغداشتا يوچۇق، باشقۇرغۇچىسىز رايون، بوشلۇق قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئورگاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى بىرلىكتە كۆردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى بىرلىكتە ئىزھار قىلدى. نەزمە ئېيتىشىپ، شاد- خۇراملىق ئىچىدە كۆپچىلىكنىڭ رىشتى زىچ باغلىنىپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى