12-فېۋرال، تەۋەلىكتىكى ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ مەسنەۋى يازدى.
ئۆز خەۋىرىمىز: 12 -فېۋرال چۈشتە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا ئىش باشقارمىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنت ئاھالىلەر رايونىدا چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى ئېتىلدى. تاماقلار ئاددى بولسىمۇ، ھەممەيلەننىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولغانىدى.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى چاغان مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەرگە مەززىلىك تائام سۇنۇپ، ئۇلارنىمۇ چاغاننىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىلەندۈرۈش مەقسىتىدە تەۋەسىدىكى ئىدارە-ئورۇنلارنى جەم قىلىپ، ئىتتىپاق يېڭى كەنت ئاھالىلەر رايونىدا «مېھىر بىلەن تولغان ئۆيگە قايتىش يولى، ئۆزگىچە تەملىك چاغانلىق تائاملار» تېمىسىدىكى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەنىدى. تەكلىپكە بىنائەن رايون تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر، خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى كادىرلار، ئاھالىلەر رايوندىكى كادىرلار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا چاغانلىق ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.
پائالىيەتتە ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندىلىش بىلەن بىرگە، ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى مەسنەۋىلەرنى يازدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى
.
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-26 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-25 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-24 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-23 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-04-22 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى |