قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالونغا مىخ كىرىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

2018-02-19 18:01:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەگەر بالونغا مىخ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن يەل چىقىپ كەتسە، بۇ مىخنىڭ بالوننى تېشىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يېقىن ئەتراپتا رېمونتخانا بولسا ئاۋۋال ماشىنىغا يەل ئۇرۇپ، ئاندىن رېمونتخانىغا ھەيدەپ بېقىش لازىم.
ئەگەر بالوننىڭ يېلى بەك تېز چىقىپ كەتسە ماشىنىنى ھەيدىمەسلىك لازىم، بولمىسا بالون زور دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاۋۋال زاپاس چاقنى ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن رېمونتخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر ئېتىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بالوندىن يەل چىقىپ كەتسە، سۈرئەتنى 80 كىلومېتىر/سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئەھۋالدا بەلگىلىك ئارىلىققا ھەيدەپ ماڭغىلى بولىدۇ، ئاندىن رېمونتخانىغا ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئەمما مۇساپىسى 80 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بالونغا مىخ كىرىپ كېتىپ رېمونتخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، بالوننى قالپاقلىق مىختا يەملىسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، يەملەپ بولغاندىن كېيىن ئاسانلىقچە قايتا يەل چىقىپ كەتمەيدۇ. قالپاقلىق مىخ بىلەن يەملىگەندە قىزىتىلىدىغان بولغاچقا، پىلاستىر بىلەن بالون مەھكەم يەملىشىدۇ.
ئەگەر بالونغا مىخ كىرىپ كەتكەن، ئەمما كۆرۈنەرلىك يەل چىقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، مىخنى تارتىۋەتمەستىن يەل چىقىش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش لازىم. بالون ۋاكوئۇملۇق بولىدىغان بولغاچقا، مىخ كىرىپ كەتسە دەرھال يەل چىقىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ۋاقىت ئۇزارسا تەدرىجىي يەل چىقىپ كېتىدۇ.
ئەگەر بالوندا يەل چىقىپ كېتىش ئەھۋالى بولمىسا، ماشىنىنى دەرھال رېمونتخانىغا ھەيدەپ بېرىپ مىخنى ئالدۇرۇۋېتىپ ئاندىن يەل چىقىپ كېتەمدۇ-يوق تەكشۈرتۈش لازىم. ئەگەر بالوندىن يەل چىقىپ كەتمىسە بالون تېشىلىپ كەتمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالوننى يەملەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بالون يۈزى ئىنتايىن قېلىن بولغاچقا ھەمدە ئىچىدە بىر قەۋەت پەردە بار بولغاچقا، ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا بالون بېسىمىغا بەكرەك دىققەت قىلسىڭىزلا بولدى. ئەگەر خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بالوننى ياخشى تەكشۈرۈڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى