قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل موتورىنى ئاسراشنىڭ ئەڭ توغرا ھەم ئاددى ئۇسۇلى:

2018-02-24 19:45:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

موتور ئاپتوموبىلنىڭ يۈرىكى. بىراق، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاپتوموبىلنى ئايدا نەچچە قېتىم يۇدۇرسىمۇ، موتۇرنى يۇغۇزۇشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئاپتوموبىل ھەر خىل مۇھىتتا ئىشلەيدىغان بولغاچقا، كاپوت ئىچىگە توپا - توزان ۋە باشقا نەرسىلەر كىرىپ، موتورنىڭ سىرتىدا قۇرۇم ۋە شىلىمشىق نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر، كاپوت ئىچىنى ئۇزۇن ۋاقىت تازىلىمىسا،  مېتال زاپچاسلارنى داتلاشتۇرۇپ، موتورنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ ھەم ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا، موتورنى قەرەللىك تازىلاش تولىمۇ زۆرۈر.
 
 @موتورنى كەسپىي خادىملارغا يۇغۇزسىمۇ ياكى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە تازىلىسىمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلىرىنى يالتىراق بىلەن يۆگەپ قويۇپ، يوپۇقنىڭ ئۈستىگە ھۆل لۈڭگە يېپىپ، يۇقىرى بېسىملىق سۇنىڭ ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالمايدىغان قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئاندىن يۇقىرى بېسىملىق سۇ تاپانچىسى بىلەن موتورنىڭ يان تەرەپ يۇقىرىسىدىن تۆۋىنىگە قارىتىپ، ئىچى - تېشىدىكى بۇلغىمىلارنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش؛
 
@ موتورنىڭ سىرتى ۋە ئەتراپىغا تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى تەكشى چېچىپ، تەخمىنەن ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن  كېيىن، چوتكا بىلەن موتورنىڭ تازىلاش ئىمكانىيىتى بولغان قىسىملىرىنى پاكىز يۇيۇش ھەم يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن بۇلغىمىلارنى ئېقىتىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.
 
@ئۇنىڭدىن كېيىن، موتورنىڭ سىرتىغا تازىلاش سۇيۇقلۇقى چېچىپ تازىلاش كېرەك(تەرتىپى ئالدىنقىسىغا ئوخشاش بولىدۇ). مۇشۇ ئۇسۇلنى موتۇر پاكىزلانغىچە تەكرار داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ئاخىرىدا پاكىزلانغان موتورنى ھۆل لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتۈش ھەم قۇرۇتۇش ماشىنىسى بىلەن قۇرۇتۇش كېرەك.
 
@ئۇنىڭدىن باشقا، بېنزىنغا ئارىلاشتۇرىدىغان بەزى قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتسىمۇ، موتۇردا ماي دېغى، قۇرۇملارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، ئاپتوموبىلنى مەلۇم دەرىجىدە ئاسرىغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى