قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېرىمۇ بىلمەيدىغان كىچىك مەخپىيەتلىك ئۇنى مىليونېرغا ئايلاندۇردى

2018-02-26 19:04:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغان بەشىنچى يىلى، جاۋ يۈشيا ئاخىرى ئۆزى ئىزدىگەن تەمنى تېپىپ، 5 مىليون يۈەنگىمۇ ساتمايدىغان مەخپىي رېتسىپنى بارلىققا كەلتۈردى. ئون نەچچە خىل تەم تەڭشىگۈچ ئارىلاشتۇرلۇپ ياسالغان بۇ خۇرۇچ، ئەمەلىيەتتە باشقىلار ئىشلىتىۋاتقان تەم تەڭشىگۈچلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر ھەقىقەتەن پەرق بار دېيىلسە، بۇ پەرق تەم تەڭشىگۈچنىڭ مىقدار نىسبىتىدە ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى ئۆلچەملىك رېتسىپنى بولسا، ئۇ ئېغىزى بىلەن بىردىن، بىردىن تېتىپ چىقىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى تەم تەڭشىگۈچلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى بىلەن ئالاھىدە بىر خىل تەم ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە، موشۇ نەچچە خىل تەمنىڭ قوشۇلىشىدىن بارلىققا كەلگەن ئالاھىدە تەمنى بارلىققا كەلتۈرەلمەي، كۆپ جاپا تارتتى. بۇنىڭدا، كاۋاۋىچىن بىر گىرام ئارتۇق بولۇپ كەتسە بولمايتتى ۋە ياكى ئاقمۇچ بىر گىرام كەم بولۇپ قالسا بولمايتتى، قايسى خىل تەم تەڭشىگۈچ بىر گىرام ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالسا، پىشقاندىن كېيىنكى تەمىدە چوقۇم پەرق بولۇپ قالاتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق بىر گىرام، بىر گىرامدىن تەڭشەپ، ئاخىرى ئۆزى ئىزدىگەن تەمنى تېپىپ چىقتى. شۇڭا، گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر دۇكانغا كېلىپ، ئوغۇرلۇقچە ئۇنىڭ ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن، ھەتتا خۇرۇچىدىن ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا جاۋ يۈشيا بىلەن ئوخشاش تەمنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى.
  جاۋ يۈشيا مۇنداق دېدى: «سىز ئۇنى ئېلىپ بېرىپ تەجرىبە قىلىپ، تەركىبىنى ئايرىپ چىققىنىڭىز بىلەن، ئۇنىڭ مىقدار نىسبىتىنى بىلمىسىڭىز بىكار، قانچە خىل تەم تەڭشىگۈچ بارلىقىنى بىلگەن بىلەن نىسبەتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، ھېلىقى تەمنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ». بۇ مەخپىي رېتسىپ بىلەن جاۋ يۈشيانىڭ پاخلان گۆشىنىڭ داڭقى بىراقلا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاشخانىسىدا سودا باس- باس بولغان كۈنلىرى بىر كۈندە 10 نەچچە مىڭ كىشىلىك پاخلان گۆشى سېتىلىدىغان بولۇپ، بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە، جاۋ يۈشيانىڭ يېمەك- ئىچمەك تىجارەت كۈلىمى بىراقلا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، تارماق دۇكىنىنى بېيجىڭدا ئېچىپلا قالماي، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 30 دىن ئارتۇق پاخلان گۆشى زەنجىرسىمان دۇكىنى ئاچتى. ئەمما،2012- يىلىدىكى بىر ئىش جاۋ يۈشياغا قاتتىق تەسىر قىلدى، بۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلدىن قۇرۇق قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ماھىيەتلىك سەكرەش ھاسىل قىلدى.
   جاۋ يۈشيانىڭ پاخلان گۆشىنىڭ لەنجۇدىكى داڭقىنىڭ بارا- بارا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر مەخسۇس بۇ ئاشخانىنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى. 2012- يىلى7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، يەرلىك بىرەيلەن بۇ ئاشخانىغا سىرتتىن كەلگەن تونۇشلىرىنى مېھمان قىلغىلى باشلاپ كەلدى. ئىككەيلەننىڭ كۆرۈشۈپ دېيىشكەن تۇنجى ئېغىز سۆزىنى مەقسەتسىزلا ئاڭلاپ قالغان جاۋ يۈشيانىڭ ئېرىنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى خېرىدارنىڭ دېيىشكەن گېپىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ساۋاقدىشىم، دېدى بىرسى يەنە بىرسىگە، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى ئەمەس، تازلىقىمۇ ياخشى ئەمەس، ئەمما، گۆشى ناھايىتى تەملىك. خىرىدارنىڭ موشۇ بىر ئېغىز گېپى بىزگە ئەجەللىك زەربە بولدى. نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ، مۇھىتى ياخشى ئەمەس، تازلىقىمۇ ياخشى ئەمەس، دېگەن قانداق گەپ، ئەجەبا، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ دەرىجىسى شۇنچىلىك تۆۋەنمۇ؟».
  شۇنچە يىلدىن بۇيان تاماقنىڭ تەمىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئىنچىكە نۇقتىدىن كەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جاۋ يۈشيا قانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئاشخانىنى قايتىدىن بېزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قارارىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ھازىرقى باش دۇكىنىنىڭ بىناسىنى سېلىشقا ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىساد سەرپ قىلدى. بۇ بىنا پۈتكىچە بولغان ئارلىقتا، ئۇنىڭ يېنىغا ۋاقىتلىق ئاشخانىدىن بىرنى ئېچىپ، تىجارەت ئېلىپ باردى. «مەن خېرىدارلىرىمدىن ئايرىلىپ قالسام ھەرگىز بولمايدۇ، مەن چوقۇم ھازىرقى ھالىتىمنى ئۆزگەرتىپ، خېرىدارلىرىمنى كۆپەيتىشىم كېرەك. لېكىن، بۇ بىنا پۈتكىچە بولغان ئارلىقتا تىجارەتنى توختىتىپ قويسام چوقۇم خېرىدارلىرىم توزۇپ كىتىدۇ. شۇڭا، ۋاقىتلىق ئاشخانىدىن بىرنى ئاچتىم» دېدى جاۋ يۈشيا.
ئىككى يىلدىن كېيىن، يېمەك- ئىچمەك، ياتاق بىر گەۋدە قىلىنغان يېپيېڭى، بىر ئونىۋېرسال بىنا پۈتۈپ چىقتى. بۇ قېتىم ئۇ بارلىق ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە ناھايىتى ئەستايىدىل پىلانلىغان بولۇپ، ھەتتا ھەر بىر ئۈستەلگە خېرىدار قاراپ بىلەلمىگۈدەك تارتمىلار ياسالغان ئىدى. بۇ تارتمىلار ھەر بىر ئۈستەلگە يېپىلىدىغان داستىخاننى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، داستىخاننىڭ پاكىز بولىشى ئۈچۈن ئىدى. ھازىر بۇ دۇكاندا 300 نەچچە خىزمەتچى خادىم بولۇپ، جاۋ يۈشيا ھەر بىر ئىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ھەر كۈنى چۈش سائەت دەل 12 دە، ئاشخانىنىڭ تىجارىتى ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ دەل ۋاقتىدا ئاشخانىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئۆزى يوق ئەھۋالدا تاماقنىڭ تەمى، سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلە كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا چوقۇم ئاشخانىغا يېتىپ كېلەتتى. ئىككىنچى كۈنى، مۇخبىر جاۋ يۈشيانىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ زالدا ئايلىنىپ يۈرگەندە بىر مەسىلىنى بايقىدى، ئۇدۇللا ئاشپەزلەر باشلىقىنىڭ يېنىغا كىرىپ: «بايىقى كالا گۆشى قورۇمىسىنىڭ گۆشى سەل كىچىك بولۇپ قاپتۇ، ئىلگىرىكىدەك چوڭ توغرالماپتۇ، تەمىمۇ سەل سۇس بولۇپ قاپتۇ» دېدى. ئۇ گۆشنىڭ قاتتىق ياكى يۇمشاق پىشقانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ كۆزى بىلەن قاراپلا بىلىۋالالايدىغان بولۇپ، تاماقلارنىڭ سۈپىتىگە قاراپلا باھا بېرەلەيتتى.
20 نەچچە يىللىق يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا، جاۋ يۈشيا كۆزى بىلەن قاراپلا، تاماقنى تېتىماي تۇرۇپمۇ ئوخشىغان، ئوخشىمىغانلىقىنى بىلىۋالالايدىغان بولدى. شۇڭا، خىزمەتچى خادىملار ئازراقمۇ سۇسلۇق قىلىشقا پېتىنالمايتتى. خاس يەرلىك ئۇسلۇبتا زىننەتلەنگەن 20 مىڭ كۋادراتمېتىر كۆلەمدىكى ئاشخانا، جاۋ يۈشيا تەتقىق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەن بىر يۈرۈش ئۆزگىچە پاخلان گۆشى تائاملىرىنىڭ داڭقى يىراق- يېقىنغا تارالغان ئىدى. سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جىلغىغا بېرىپ پاخلان گۆشى يېيىش، لەنجۇ خەلقىنىڭ ئىستېمالىدىكى مودىغا ئايلىنىپ قالدى. خېرىدار ياڭ شاۋجۈن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئاشىيادا تاماق يېيىش بىر خىل سالاھىيەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كۆز- كۆز قىلىشتىن ئىبارەت مۇددىئاغا يېتەلەيمىز. بۇ يەردە ئىستېمال قىلىدىغىنىمىز بىر ۋاق تائام ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەدەنىيەت، بىر خىل ماركا». يەنە بىر خېرىدار ياڭ جىچېڭ چاخچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى پاكىزە ۋە ئېسىل، ئازادە غىزالانغىلى بولىدۇ. مەن بۇ يەرگە دائىم تاماق يېگىلى كېلىمەن، مەن بۇ يەرنىڭ تۆمۈر دەرىجە، پولات دەرىجە ئەمەس، بەلكى ئالتۇن دەرىجىلىك خېرىدارى بولۇپ قالدىم، دېسەممۇ بولىدۇ».
نۆۋەتتە، جاۋ يۈشياغا ئەگىشىپ ئاشپەزلىك قىلىۋاتقان ئۇستامنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان پىشقەدەم ئۇستام ئىدى.  ئۇ پاخلان گۆشى يۈرۈشلۈك تائاملىرىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ناھايىتى پىششىق بولۇپ، قورۇما قورۇش، گۆش دۈملەش قاتارلىقلارغا ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى. تەم خۇرۇچى بولسا ئالدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئاشپەز ئۇستاملار پەقەت ئالدىن بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بۇ خۇرۇچنى تاماققا سېلىپ، ئوخشاش تەمدىكى پاخلان گۆشىنى بارلىققا كەلتۈرسىلا بولاتتى. بۇ تەم خۇرۇچىنىڭ رېتسىپىنى جاۋ يۈشيا ھازىرغىچە ئىنتايىن مەخپىي تۇتاتتى. جاۋ يۈشيا مۇنداق دېدى: «بۇ رېتسىپنى قانداق تەڭشەيدىغانلىقىمنى ھەتتا ئېرىممۇ بىلمەيدۇ، راست، ئۇ پەقەت بىلمەيدۇ».
   باش دۇكان بىلەن 30 نەچچە تارماق دۇكان ئۈچۈن جاۋ يۈشيا بىر يىلدا 200 مىڭدىن ئارتۇق تەنياڭ قويى كىرگۈزىدىغان بولۇپ، 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لەنجۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان جاۋ يۈشيا، جىڭيۈەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى بىر نەچچە ناھىيە- شەھەرنىڭ تەنياڭ قويى سودا بازىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيتتى. جىڭيۈەن ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شيەن جۈن مۇنداق دېدى: «ئەگەر جاۋ يۈشيا بىزنىڭ تەنياڭ قويلىرىمىزنى ئالسا، تەنياڭ قويىنىڭ باھاسى 2- 3 يۈەن ئۆرلەيدۇ، ئەگەر ئۇ ئالمىسا 2- 3 يۈەن چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ئارىدىكى باھا پەرقى 5- 6 يۈەنگە يېتىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى. بىر خىل تائام تۈرى ئارقىلىق بىر كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش-- گەرچە ناھايىتى چوڭ ئۇقۇم بولسىمۇ، ئەمما جاۋ يۈشيا بۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلمىدى. ھازىر ئۇ تېخىمۇ چوڭ بىر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ئارقىلىق جىڭيۈەن ناھىيەسىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئۈچۈن تۇنجى قەدەمدە 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشسا، 60 نەچچە يىللىق قوي گۆشى بازىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلەتتى. يەنى، بۇ زامانىۋى قۇشخانا قۇرۇش پىلانى ئىدى. بۇ بېيىش ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، جاۋ يۈشيانىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنىڭ خۇددى بىر نەپىس سەنئەت بويۇمى ياسىغاندەك گۈزەل بىر جەريان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن. مانا بۇ-- يېڭى دەۋىردىكى ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى. مانا بۇ-- ئۆز كەسپىنى ئىجادچانلىق روھى ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسىدا 20 نەچچە يىل سادىقلىق بىلەن سۆيگەنلىكنىڭ نەتىجىسى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى