قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاڭ چيەننىڭ يۇرتى- شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چېڭگۇ ناھىيەسى

2018-02-26 19:40:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2017- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 11دىن 10 مىنوت ئۆتكەندە، شىئەننىڭ شىمالىدىن خەنجۇڭغا بارىدىغان D6859 قېتىملىق دىۋىگاتىللىق پويىز ئاستا- ئاستا ۋوگزالدىن قوزغىلىشى بىلەن، شىئەن- چىڭدۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا «خەنجۇڭ جاڭ چيەن» ناملىق يۇقىرى دىۋىگاتىللىق پويىز رەسمىي قاتناشقا باشلىدى. 42 ياشلىق جاڭ لىجۈن جاڭ چيەننىڭ 67- ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارغا گۇۋاھچى بولدى. ئۇ مۇنداق دىدى: «جاڭ چيەن دۇنيا مەدەنىيەت ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوستلۇق ئەلچىسى، يىپەك يولىنىڭ روھى. تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «خەنجۇڭ جاڭ چيەن» ناملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ جاڭ چيەننىڭ يۇرتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چېڭگۇ ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان بۇ شەھەرنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
2000 يىل بۇرۇن، جاڭ چيەن يۇرتى چېڭگۇدىن ئاتلىنىپ، چاڭئەنگە بېرىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، چېڭگۇ ناھىيەسى جاڭ چيەننىڭ شان- شەرىپى ئارقىلىق دۇنيانىڭ دېققىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 23- نۆۋەتلىك دۇنيا سۇغىرىش- سۇ چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە يىغىنىدا، چېڭگۇ ناھىيەسىنىڭ بەش قاپقىلىق توسمىسى، ياڭجېن توسمىسى ۋە خەنجۇڭشەن دەرياسى توسمىسى «خەنجۇڭدىكى ئۈچ توسما» نامىدا دۇنيا سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى مىراسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ دۇنياۋى دەرىجىلىك «ئالتۇن نام- ئەمەل كارتىسى» چېڭگۇنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىنى دەلىللەپ بەردى.
چېڭگۇ شەنشى ئۆلكىسى تۇنجى تۈركۈمدە نام بەرگەن «مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر»، چىن بەگلىكى ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 2300 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن ئۆتكۈزدى. ناھىيە تەۋەسىدىكى قەدىمىي ئىزنالار، فىلولوگىيىلىك مەنزىرىلەر، مەدەنىيەت خارابىلىرى 437گە يەتتى، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 3600دىن ئاشتى، قېزىپ چىقىرىلغان باۋشەن خارابىسى ياڭشاۋ دەۋرىگە تەۋە ساپال خۇمدانلىرى توپى «جۇڭخۇانىڭ بىرىنچى خۇمدانلىقى» دەپ تەرىپلەندى. مىڭ يىللاردىن بۇيان، ئەمگەكچان، ئاددىي- ساددا چېڭگۇ خەلقى شانلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، نۇرغۇنلىغان فىلولوگىيىلىك مەنزىرە ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر گىرەلەشكەن رەڭدارلىقنى شەكىللەندۈردى.
چېڭگۇ ناھىيەسىنىڭ شارائىتى ئەۋزەل، بايلىقى مول. بۇ يەردە ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇل، ھەسەل شاپتۇل، سېرىق نەشپۈت، ئۈزۈم قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەر؛ گاسترودىيە ئوتى، تاغ دېنى، ئېۋكوممىيە دەرىخى قوۋزىغى، ئىپار قاتارلىق 250 خىلدىن ئارتۇق جۇڭيى دورا ماتېرىيالى، 300 خىلدىن ئارتۇق ھەر خىل باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، «جانلىقلار بايلىق ئامبىرى» ۋە «تەبىئىي دورا ئامبىرى» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار. بۇ يەردە قېزىلما بايلىقلار ئىنتايىن مول بولۇپ، ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مېتال ۋە مېتاللوئىد رودىلىرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ، بولۇپمۇ ھاك تېشى، سىلىتسىيلىق تاش، سىئانىت قاتارلىق مېتاللوئىدلارنىڭ رودا مىقدارى كۆپ بولۇپ، يۇقىرى سانائەت ئېچىش قىممىتىگە ئىگە.
چېڭگۇ ناھىيەسىدە مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. جاڭ چيەن مەقبەرىسى، بەش قاپقىلىق توسما، ياڭجېن توسمىسى، نەنشا كۆلى، تيەنخەننىڭ يىپەك يولى گۈللىكى، «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئۈچ دامبا»نىڭ بىرى بولغان غەربىي شىمال بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونا مەكتەپ ئورنىدىكى قەدىمى يول دامبىسى، يەر ئانا مەبۇدىسىنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان بەش ئەزىمەت قوۋۇقى، «جۇڭگودىكى ئاپېلسىن ئېكولوگىيە ساياھەت 1- باغچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ئاپېلسىن باغچىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ داڭقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارالغان. ئاپېلسىن باغچىسى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر «ئاپلىسىن باغچىسىنىڭ كۈز پەسلىدىكى مەنزىرىسى»دىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايدۇ ھەمدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك تائاملارنى تېتىپ كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋىنى سانىلىدىغان چىنلىڭ چوڭ سەمەندەرىنى تاماشا قىلالايدۇ، شۇنداقلا يەنە سال بىلەن ئېقىندا لەيلەش، تاغقا چىقىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىستىراھەت تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالايدىغان بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تاماشا قىلىش، قاتنىشىشچانلىق ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك.
 يېقىنقى يىللادىن بۇيان، چىڭگۇ ناھىيەسى نەزىرىنى ئەمەلىي كۈچ، سېھرىي كۈچ، ھاياتىي كۈچ، ئېتىزلىق باغچىسى، ئادىمىيەت، بەختتىن ئىبارەت «ئالتىدە مۇكەممەل چېڭگۇ» قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ،  قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي ئىشلاردا ھەممە كەسىپلەرنى تەڭ گۈللەندۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. 2011- يىلىدىن بۇيان، چېڭگۇ ناھىيەسى خەنجۇڭ شەھىرىنىڭ يىللىق ئۇنىۋېرسال باھالىشىدا ئۇدا ئالتە يىل مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىپ، ئۇدا بەش يىل ناھىيە- رايونلار ئىچىدە بىرىنچى بولدى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ناھىيە ئىقتىسادىنى كۆزىتىش ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپىدە 2011 - يىلىدىكى 27- ئورۇندا تۇرۇشتىن، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ 2016- يىلى 15- ئورۇنغا چىقىپ، جەنۇبىي شەنشى بويىچە 1- ئورۇندا، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە شەنشى ئۆلكىسىدىكى 80 ناھىيە (شەھەر) ئىچىدە 7- ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە سانائىتى شەنشى گۇرۇھى قاتارلىق 30دىن كۆپرەك ئاۋىياتسىيە كارخانىسىنى مەركەز قىلغان خەنجۇڭ ئاۋىئاتسىيە ئىقتىدارلاشقان يېڭى شەھەرچىسى تەدرىجىي ھالدا چېڭگۇ ناھىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2030- يىلىغا بارغاندا قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 كۋادرات كىلومېتىرغا، نوپۇسى 150 مىڭغا يېتىپ، بۇ يەرگە ماكانلاشقان ئاۋىئاتسىيە ۋە يۈرۈشلەشكەن كارخانىلار 100دىن، ئومومىي مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. تەڭ باش كۆتۈرگەن بەش ئەزىمەت سانائەت رايونى، ئۈچ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونى بىرلىكتە بىر ئاساس، بىر قوشۇمچە، ئىككى قاناتتىن تەشكىل تاپقان شەھەر توپى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، چېڭگۇ ناھىيەسىنىڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشتەك قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.
چېڭگۇ ناھىيەسى يەنە جۇڭگونىڭ شىمالىي رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئاپېلسىن ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ مۆجىزە ياراتتى. بۇ يەرنىڭ ئاپېلسىنى چۈچۈمەل تاتلىق، مېۋە پۇرۇقى كۈچلۈك، داڭقى يىراقلارغا تارالغان بولۇپ، ياۋروپا- ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنماقتا. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، 230 مىڭ مو يەردىكى ئاپېلسىنلار پۈتكۈل تاغنى قىزىل رەڭگە كىرگۈزۈپ، ئاپېلسىننىڭ خۇش ھېدى تۆت ئەتراپنى قاپلايدۇ، ھەمدە 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاپېلسىن ئۈستۈرگۈچى باغۋەنگە 600 مىليون يۈەن كىرىم يارتىپ بېرىدۇ. تاغ دېنىمۇ چېڭگۇ پۇقرالىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 90 مىڭ موغا يەتتى، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %60تىن كۈپرەكىنى ئىگىلەپ، 43 مىڭ 500 ئائىلىلىك دېھقان تاغ دېنى تېرىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
 يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول چىنلىڭ- دابا تاغ تېزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، قەدىمى سىچۈەن يولىدىن ئۆتۈشنى قولايلىقلاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، چېڭگۇ ناھىيەسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۈرىدەپ، ئىقتىسادى تېخىمۇ گۈللەنگەن ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك چېڭگۇ، تەرەققىياتى تېخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە سېھرىي كۈچكە تولغان چېڭگۇ، تۈزۈلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشقان ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇغان چېڭگۇ، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل باغچىلاشقان چىڭگۇ، مەدەنىيىتى تېخىمۇ پارلاق فولولوگىيىلىك چېڭگۇ، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيگەن بەختىيار  چېڭگۇ قۇرۇش يولىدا داغدام قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى