قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 كەمپۈتنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

2018-02-26 19:48:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆپىنچە كىشىلەر كەمپۈتنى كىچىك بالىلارغا خاس يېمەكلىك دەپ قاراپ، كەمپۈت يېيىشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. ئەمما مۇۋاپىق مىقداردا كەمپۈت يەپ بېرىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساغلاملىققا پايدىلىق. مەسىلەن: قان بېسىم بەك تۆۋەن بولغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنى چۈشكە يېقىن باش قېيىش، قول- پۇتى توڭلاش، گەپ قىلىشقىمۇ مادارى قالماسلىق قاتارلىقلار. بۇنداق ۋاقىتتا ئازراق كەمپۈتكە ئوخشاش تاتلىق يېمەكلىك يېيىش كېرەك. باش قېيىش ئادەتتە قان بېسىم بەك تۆۋەن بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يېنىدىن كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا چېنىققاندا زور مىقداردىكى جىسمانىي كۈچ سەرپ بولىدۇ، لېكىن چېنىقىشتىن ئىلگىرى تويۇنۇپ تاماق يېيىشكە بولمايدۇ. كەمپۈت بۇ ۋاقىتتا ئىسسىقلىق مىقدارىنى تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك بولالايدۇ. باش قېيىپ كۆڭلى ئېلىشقاندا كەمپۈتكە ئوخشاش قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قان شېكىرىنى يۇقىرىلاتقىلى، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغىلى ھەم كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىمۇ كەمپۈت يەنىلا ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئادەم چارچىغاندا بەدەندىكى ئىسسىقلىق دەرىجىسى زور مىقداردا خورايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا چارچاشنى تۈگىتىپ، بەدەن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى