قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا چاق ئالماشتۇرسا قائىدىگە خىلاپ بولامدۇ؟

2018-02-26 19:52:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇزۇن يولغا ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا چاقى ئېتىلىپ كېتىش ئەھۋالىغا ئۇچراپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، كونا شوپۇرلار ماشىنىنى جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىش يولىغا توختىتىپ زاپاس چاقنى ئالماشتۇرىدۇ. بۇنداق قىلىپ قانچىلىغان كونا شوپۇرلار جەرىمانە تۆلەش ۋە نومۇر تارتىش جازاسىغا ئۇچرىغاندۇ؟ ماشىنىنى توختىتىپ چاق ئالماشتۇرۇش زادى قائىدىگە خىلاپ ھېسابلىنامدۇ- يوق؟
ئەمما بىر قىسىم كونا شوپۇرلار ماشىنا توختىتىپ زاپاس چاق ئالماشتۇرغاندا قاتناش ساقچىلىرى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا جازا بەرمىگەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلارغا سىز دىققەت قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، تۆۋەندە بۇ ئىنچىكە ھالقىلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز:
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا جەمئىي ئۈچ خىل قىلمىش قائىدىگە خىلاپ ماشىنا توختىتىش قىلمىشى دەپ قارىلىدۇ:
@بىرىنچى، قاتناش قائىدىسىنىڭ تەلىپىگە خىلاپ ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويماسلىق.
@ئىككىنچى، سەۋەبسىزلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنا توختىتىش.
@ئۈچىنچى، ماشىنىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئەھۋالدا ماشىنىنى يۆتكەش ئېھتىماللىقى بار بولسىمۇ، ماشىنىنى جىددىي ئەھۋالدا ماشىنا توختىتىش يولىغا ياكى جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىش يولىغا توختاتماسلىق.
ئەگەر يۇقىرىقى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ بىرى سادىر قىلىنسا «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قاتناش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئىشلەتمىگەن ۋە چىراغنى ياندۇرمىغان يولۇچى ئاپتوموبىللىرىدىن سىرت، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدىن ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ، يولۇچى ئاپتوموبىللىرىدىن 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
ئەگەر سىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنا توختىتىپ چاق ئالماشتۇرغاندا جازالانغان بولسىڭىز، سىز يۇقىرىقى ئۈچ خىل خاتالىقنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى سادىر قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى قىلسىڭىز جازالانمايسىز.
بىرىنچى، ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغى ياندۇرۇپ، كەينىدىكى ماشىنىلارنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىش.
ئىككىنچى، ماشىنىنى ئامال بار جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىش يولىغا ياكى جىددىي ماشىنا توختىتىش يولىغا توختىتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى 150 مېتىرلىق ئورۇنغا ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى تىكلەش كېرەك.
 
سىز يۇقىرىقى ئۈچ نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز جازالىنىشتىن ساقلىنالايسىز. ئەمما، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا چاق ئالماشتۇرغاندا يەنىلا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، ئامال بار مۇلازىمەت رايونىغىچە بەرداشلىق بېرىپ، شۇ يەردە چاق ئالماشتۇرۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى