قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەسەل ھەرىسى بىلەن قارا ھەرىنىڭ ھېكايىسى

2018-02-27 17:18:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەسەل ھەرىلىرى قۇياش چىقىشى بىلەنلا ئوۋىلىرىدىن چىقىپ، گۈلزار ۋە باغلارغا، يىراق- يىراق جايلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. گۈلدىن- گۈلگە قونۇپ ھەسەل يىغىدۇ. كېيىن ئۆيىگە قايتىپ يىغقان نەرسىلىرىنى تەرتىپكە سالىدۇ. نەتىجىدە ئىنتايىن تاتلىق ھەسەل ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەسەلنىڭ بارچە نەرسىدىن تاتلىقلىقىمۇ ئۇنىڭ زور مۇشەققەت بىلەن تېپىلغانلىقىدىندۇر.
ئىنسانلارنىڭمۇ مېھنەت بىلەن ئېرىشكەنلىرىنىڭ بەكمۇ شېرىن ئىكەنلىكىنى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئەكسىچە قارا ھەرىلەر ئىنتايىن ھورۇن بولىدۇ، پەقەت بۈگۈننى ئويلاپ، قورساق تويغۇزۇش كويىدىلا بولىدۇ. ياز پەسلىنى ھاۋالىق جايلاردا ئۇچۇپ ئويناپ ئۆتكۈزىۋېتىپ قىشنىڭ غېمىنى يېمەيدۇ. نەتىجىدە قىش كېلىشى بىلەنلا ھالاك بولىدۇ.
دېمەك، ئىشلەش ۋە مېھنەت قىلىش كېرەك بولغان پەيتتە ۋاقىتنى بىغەملىك بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا ھەتتا ھالاكەتكە مەھكۇم بولىدۇ.
 بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەبىئەتتىكى دەل- دەرەخلەرگە نەزەر تاشلىساق، مېۋىلىك دەرەخ ئاۋۋال چېچەكلەيدۇ، ئاندىن گۈللەيدۇ، كېيىن بولسا مېۋە بېرىش بىلەن ئۆز كامالىتىنى نامايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر مېۋىلىك دەرەخنى ئۆز پەرزەنتلىرىدەك تەربىيىلەپ باغلارغا تىكىدۇ، سۇ قويىدۇ، ياخشى ئۆسۈشى ئۈچۈن پەرۋىش قىلىدۇ.
بۇلاردىن خۇلاسە چىقارغان ئەقىللىق كىشىلەر مېۋىلىك دەرەختەك ئابروي ۋە ئېتىبارلىق بولۇش ئۈچۈن ئىلىم- مەرىپەت مېۋىسىنى يېتىشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى