قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك

2018-03-06 19:38:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك 

ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 4- كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

 

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-مارت تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۇ بىزدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا ساۋ ۋېيشىڭ، يەن شياۋپېي، جوۋ جۇڭخې، لى جوبىن، ۋۇ ۋېيشەن، چېن چاۋ، گاۋ خۇڭجۈن، گاۋ جيې قاتارلىق سەككىز ئەزا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان دۆلەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پەن- تېخنىكىنى باھالاش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھاجىرلار مەبلىغى ۋە مۇھاجىرلار ئەقىل- پاراسىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، چەت ئەلدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، ياخشى ۋە تەرتىپلىك بولغان ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇھاجىرلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالىرىنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. كۆپچىلىك ئىنتايىن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇزاكىرىگە قاتناشقان ئەزالاردىن، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئالاھىدە بەش يىل بولدى، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەر، شۇنداقلا بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار زور خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كەلدۇق، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدۇق، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، ئارمىيەمىزنىڭ قىياپىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھىسز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قان- تەرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئۇلۇغ سىياسىي ئىجادىيىتى، جۇڭگو تۇپرىقىدا بارلىققا كەلگەن يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى. يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى دېيىشىمىزدە، ئۇنىڭ يېڭىلىقى دەل ئۇ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي، كەڭ، ئۇزاققىچە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى رېئاللاشتۇرۇپ، كونا سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئاز سانلىقلار، ئاز ساندىكى مەنپەئەت گۇرۇھىغا ۋەكىللىك قىلىشتەك نۇقسانلىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى؛ ئۇنىڭ يېڭىلىقى دەل ئۇ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، نازارەتچىلىك كەمچىل بولۇش ياكى كۆپ پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، يامان خاراكتېرلىك رىقابەتلىشىشتەك نۇقسانلاردىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى؛ ئۇنىڭ يېڭىلىقى دەل ئۇ تۈزۈملەشتۈرۈلگەن، تەرتىپلەشتۈرۈلگەن، قېلىپلاشتۇرۇلغان ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىنىڭ پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئىتى، سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى، رايون ۋە گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ تەدبىر بەلگىلەپ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەتنى پارچىلىۋېتىشتەك نۇقسانلىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى. ئۇ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن، ئىنسانلارنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىكىگە قوشۇلغان زور تۆھپە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، ھەم سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ. سىياسىي كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش دەل مۇشۇ خىل دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىپادىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىق دېموكراتىيەنى تەرك ئەتكەنلىك ئەمەس، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دېموكراتىيەنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىز كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي تەرەققىيات يولىنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇپ، مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىشىنى ئورتاق ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. يېڭى دەۋردە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ سەھنىسى ئىنتايىن كەڭ، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىدىن ئىبارەت بۇ دېموكراتىيە شەكلى ۋە تۈزۈم يولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشقا يولۇققاندا كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، ياخشى مەسلىھەتلىشىپ، مەسلىھەتلىشەلەيدىغان بولۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل- پاراسەتنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە شەكىلۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ، پاكىتلىق گەپ قىلىپ، يوللۇق گەپ قىلىپ، ئورۇنلۇق گەپ قىلىپ، مەزمۇنلۇق گەپ قىلىپ، سەمىمىي، ئەمەلىي كېڭىشىپ، ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئاچقۇچلۇق نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ كېڭىشىشنى بىلىشكە، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشتا نۇرغۇن زور ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشكە، نۇرغۇن مەسىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپچىلىك باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، بىرىنچى سەپتە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەنقىد ۋە نازارەتچىلىكنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل «1- ماي شوئارى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسى بولۇپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى زىيالىيلار بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتتە، ھەقىقىي بىلىم تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتكە پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشى كېرەك. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاجىرلارنىڭ قەلبى، كۈچى، ئەقىل- پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

  يوۋ چۈەن، جاڭ چىڭلى، ۋەن گاڭ، چېن شياۋگۇاڭ قاتارلىقلار بىرلەشمە مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى