قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقتى

2018-03-11 21:16:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەر ساھەدىكى گۇرۇپپىلاردا، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (لايىھە) گە قاراپ چىقتى.
ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: مەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (لايىھە) گە تامامەن قوشۇلىمەن. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى- شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيە19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، زور تەدبىر، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى نامايەن قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى ھەرىكەت مىزانى ۋە تۈپ ئاساسىنى موللاشتۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ، دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەن ئۈچ نۇقتىدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بىرىنچى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئومۇمىي پىروگرامما، ئومۇمىي خىزمەت پىرىنسىپى ۋە ئومۇمىي قائىدىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇش»، «جۇڭگو كۇممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنى ھىمايە قىلىش» قاتارلىق بايانلارنى كۆپەيتتى. بۇ ھەم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئۇ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە- گۇروھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئىككىنجى، بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى (لايىھە (دە نۇرغۇن مەزمۇنلار تەڭشىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنى تۈزۈم ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ،  ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش مەشغۇلاتچانلىقى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەيتتى. ئۇ تېخىمۇ قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈچىنچى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن پارتىيە نىزامنامىسى، ئاساسىي قانۇن بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، بەزى مۇھىم پىكىر جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا پىشىپ يېتىلگەن ھەمدە نىزامنامە ئارقىلىق كۈچەيتىپ قىلىپلاشتۇرۇلىدىغان بىر قىسىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نىزامنامىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپلا قالماي، ئەمەلىيەت تەرەققىياتى بىلەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىنى نامايەن قىلدى. بۇ ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ قېلىپلاشقان، يېتەكچىلىك، تۈرتكۈلۈك، كاپالەت رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ..
▲ ئەزا پەن شياۋيەن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئاساسىي قانۇن- نىزام بويىچە فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن ئۇنىڭغا تامامەن قوشۇلىمەن.
 ئەزا باخدوۋلەت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنى، تۈپ ۋەزىپىسى، خىزمەت پرىنسىپى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تەلىپى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئەل قەلبى، ئەقىل- پاراسىتى، كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا پايدىلىق.  ئەزا ياڭ جيې مۇنداق دېدى: ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى