قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۈنچىلىرى

2018-03-09 18:16:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەمدە تىرىشچانلىق بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. مۇھىمى ــــ ئۇنىڭ نېمىگە تىرىشقانلىقىغا قاراش كېرەك.
بىلىملىك بىر كىشى، مىڭ نادانغا تەڭ كېلەلەيدۇ.
ھاياتنىڭ زىننىتى- ھايات ئۈچۈن توغرا تەپەككۇر قىلىشتا. تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى ئۈلپىتى- ئاق كۆڭۈل بولۇشتا.
پەننى سۆيۈشىمىز لازىم، ئىنسانلاردا پەندىنمۇ كۈچلۈك ۋە تەڭداشسىز كۈچ بولمايدۇ.
بىر ياخشى كىتاب ئوقۇش، نۇرغۇن ئالىيجاناپ كىشى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانغا باراۋەر.
ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ بولغان- بولمىغانلىقى ئېغىزدىكى گەپتىن ئەمەس، ھەرىكەتتىن مەلۇم بولىدۇ.
ئادەمدە ئالىيىجاناپ ئۇلۇغ غايە بولغاندىن تاشقىرى، چوقۇم يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەت بولمىسا، غايە ھەرقانچە ئالىيجاناپ، ھەر قانچە ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
بىلىم ئاچچىق يىلتىزلاردىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تاتلىق مېۋە.
ئۆگىنىش قىلىشتا ۋاقىت يوق ئەمەس، بەلكى سىزدە تىرىشچانلىق كەمچىل.
بەختنىڭ رەت تەرتىپى يوق، بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ رەت تەرتىپى بار.
باشقىلاردىن بالدۇر، باشقىلاردىن كۆپرەك تىرىشسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز.
ھېچكىم ئۆز مەيلىچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئىرادىدىن كېلىدۇ.بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگرەيسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى