قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %93.74 گە يەتتى

2018-03-10 15:39:35     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

تەھرىر ئىلاۋىسى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك « ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، خەلق تورى «شى جىنپىڭنىڭ <ئىككى يىغىن>دا كۆڭۈل بۆلۈپ سورىغان ئون <كىچىك ئىشى> يۈرۈشلۈك ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كىشىنى خۇشال قىلارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە نەتىجىلەرنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىلىنىش بىلەن بىرگە، خەلق داھىيسىنىڭ خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى.

  چاغان ئاخىرلىشىشى بىلەن، فوتوگراف شىرئەلى مەمەت ھەرقايسى سودا پائالىيەتلىرىدە نەقمەيدان سۈرىتى تارتىش بىلەن ئالدىداش بولۇپ كەتتى. گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ئەمما ئۆز ئارزۇسىغا قەدەممۇقەدەم يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ جاپالار ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى.  

 2016-يىل 11-ئايدا، شىرئەلى ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، بىر ئىنتېرنىت شىركىتىدە باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىدى. «ئەسلىدىنلا ئىزدىنىش، تەۋەككۈل قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان مىجەزىم بولغاچقا، ئىگىلىك يارىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ يۈردۈم»، -دېدى شىرئەلى.  

 2017-يىل 7-ئايدا، ئۇ دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇردى. ئۇلار ئاساسلىقى ئورالمىچىلىق مۇلازىمىتى، ئېلان لايىھەلەش، سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ياراتقانلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ شىركىتى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق يۇمشاق دېتال باغچىسىغا ماكانلاشتى.

شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى  

 شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ سۇ، توك، ھاۋا تەڭشىگۈچ، پار، خوجىلىق ۋە تور ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن باشقا، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، تىجارەت جەھەتتە يۆلەش، ئالدىن ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، باغچا رايونى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلارنى تېخنىكا، ئۇچۇر، ئىختىساسلىقلار ۋە بايلىق جەھەتتىكى مۇلازىمەتلەر بىلەن قوللايدۇ.

 ئارزۇگۈل ئىمار

  ئارزۇگۈل ئىمار تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2015-يىلى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئوقۇشى ئاخىرلىشىپ قالاي دېدى. گەرچە خاڭجۇدا نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسەتلىرى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا شىنجاڭغا قايتىشنى تاللىدى.  

 ئۇ مۇنداق دېدى: بەلكىم مەن ئۆزۈم يۇرتىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالماسلىقىم مۇمكىن. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ھەتتا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇشىنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىشنى، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشنى خالايدۇ. شىنجاڭ مېنى قاتارغا قوشقان، مەنمۇ ئەمدى يۇرتۇم ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشۇم كېرەك.

  2014-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. ۋەكىل ئەنۋەر ئىمىن «ئوقۇش پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرىغا شارائىت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەردە خىزمەت تېپىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلھام بېرىش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى بۇ تەكلىپنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئارقا-ئارقىدىن تۆت سوئال سورىدى: «ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى شىنجاڭغا قايتتىمۇ؟ قانچىلىك نىسبەتتە؟ ھەريىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلار قانچىلىك ؟ كۆپ ساندىكىسى قايتامدۇ؟»  

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇت مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %93.74 گە يېتىدۇ.  

 باش شۇجىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدىلا ئىپادىلىنىپ قالمىدى، ئۇ يەنە ئازسانلىق مىللەت يېزىقىدىكى «تور بەتلەرنى كۆرۈش» تەك ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.  

 ئاشۇ قېتىملىق يوقلاشتا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا : «خەلق تورى، شىنخۇا تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى بېتى بارمۇ؟ قانچە مىللەت يېزىقىدىكى بېتى بار؟» ، « ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلاردىكى نوپۇزلۇق تور بېكەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى بارمۇ؟ » دەپ سورىدى.  

 پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇھىم بايلىقى ۋە ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «توردىكى خەلق گېزىتى» بولغان خەلق تورىنىڭ ھازىر خەنزۇچە بېتىدىن باشقا، ئازسانلىق مىللەت يېزىقىدىكى بېتىدىن يەتتىسى، چەتئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسىدىن توققۇزى بار.  

 خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىسى مۇستافا شاۋكەتنىڭ قارىشىچە، رايون چەكلىمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشىدىن باشقا، ئۇچۇرلارنىڭ كېچىكىپ يېتىپ بېرىشى ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ، «ئۇچۇر پەرقى»نى تۈگەتكەندىلا «تەرەققىيات تېز يولى»دا يول تالاشقىلى بولىدۇ.   

ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭدا قېلىپ، خەلق تورىدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتى ئارقىلىق ئازسانلىق مىللەت قېرىنداشلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈشمۇ يۇرتۇمغا قوشقان بىر كىشىلىك تۆھپەم دەپ ئويلايمەن. بۇمۇ مېنىڭ مۇشۇ خىزمەتنى تاللىشىمدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى