قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىڭىزنىڭ سوئالىغا سەل قارىماڭ

2018-03-11 21:35:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر كۈنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. قىزى بىر كىتابنى كۆتۈرۈپ كىرىپ دادىسىدىن: «دادا، ئاسماندا  نېمە  ئۈچۈن يۇلتۇزلار شۇنچە  كۆپ» دەپ سورىدى. دادىسى: «ئاناڭدىن سورىغىنا» دېدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قىز يەنە بىر كىتابنى كۆتۈرۈپ كىرىپ: « ئاي  نېمىشقا  بەزىدە  دۇمۇلاق؟» دەپ سورىدى. دادىسى يەنە: «نېرى تۇرە، ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟» دېدى.
تۆت ياشلىق قىزىممۇ دائىم مەندىن سوئال سورايدۇ. ئۇ بىردە: «چۆپ نېمىشقا يېشىل؟ نېمىشقا باشقا رەڭدە ئۆسمەيدۇ؟» دەپ سورىسا، يەنە بىرىدە: «مەن نېمىشقا سېنىڭ قۇرسىقىڭدىن چۈشكەن؟» دەپ سورايدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ «قۇياش نېمىشقا ئىسسىق؟ قۇياش ئاسماندىن چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. مەن كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ سوئاللىرىغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەرگەچ، ئۆزىنىمۇ ئويلاپ بېقىشقا، پىكىر قاتناشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمەن.
بالىلارنىڭ سوئالى قارىماققا ئەھمىيىتى يوقتەك تۇيۇلسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ شەيئىلەر ئۈستىدە ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئىپادىسى. ئەتراپىدىكى گۈل-گىياھلاردىن تارتىپ، يىراقتىكى قۇياش، ئايلارغىچە ھەممىسى ئۇلارنىڭ سوئالى ۋە تەسەۋۋۇرىنى قوزغىتىدۇ. ئەمما بەزىدە بالىلارنىڭ سوئالى ھەمىشە ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ.
ئوغلۇم ئۆزى كۆرگەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. مېھمان بولۇۋاتقان ئىككى كىچىك دوست تېلېۋىزوردا بىر قانالنى كۆرىمىز، دەپ تۇرۇۋاپتۇ، ئەمما كىچىك ساھىپخاننىڭ باشقا قانالنى كۆرگۈسى بار ئىكەن، تالىشىۋېرىپ ئاخىرى دادىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «ئۇ ئىككىسى مېنى تېلېۋىزور كۆرگىلى قويمىدى»دەپتۇ. دادىسى: «ئۇلار ئىككى ئادەم، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇشى كېرەك» دەپتۇ، بالا: «نىمىشقا؟ ئەجەبا، ئىككى ئادەمنىڭ شەخسىيەتچى بولۇشى، بىر ئادەمنىڭ شەخسىيەتچى بولۇشىدىن ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ.
بالىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك سوئاللىرى گەرچە نورمال ئىشتەك تويۇلسىمۇ، بۇ سوئاللار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلارنىڭ سوئالى ئەسلىدىنلا ئەقىل- پاراسەت. بۇ ئەقىل- پاراسەت ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلاردىن توختىماستىن ئۆگىنىشكە، ھەتتا ئۆز- ئۆزىمىزدىن قايتۇرۇپ سورىشىمىزغا موھتاج.
قارايدىغان بولساق بالىنىڭ سوئالى بالىنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بالىلارنىڭ سوئالى دەل ئۆزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ قايتا- قايتا بىرىكىشىدۇر، شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوئالى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخىكا تەرەققىياتى تېخى تولۇق يېتىلمەيدۇ، تاشقى دۇنياغا بولغان كونترول قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىز بولىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن دۇنيادىكى نەرسىلەر ناتونۇش ھەم سىرلىق. بالىلار ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ، تۈگىمەس سوئاللىرى بىلەن نامەلۇم نەرسىلەرنى بېلىشكە تىرىشىدۇ، بىخەتەرلىك ئارزۇسىغا ئىنتىلىدۇ. بالىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ھېس قىلىپ سورىغان سوئاللىرى ئەتراپىدىكى گۈل- گىياھ، ئىت- مۈشۈك، قۇرت- قوڭغۇزدىن باشلىنىپ، يىراق ئاسمان بوشلوقىغىچە بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار بۇنى مۇھىم تەربىيەلەش باسقۇچى، دەپ قارىشى كېرەك. بالىلار بەزىدە ئىنتايىن كۈلكىلىك، ھەتتا جاۋاب بەرگىلىمۇ بولمايدىغان سوئاللارنى سورايدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەسخىرە قىلىپ كۈلۈش، ئەپلەپ- سەپلەپ جاۋاب بېرىش ياكى سىلكىۋېتىش بالىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار بالىنىڭ سوئالىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشى لازىم. ئەستايىدىل جاۋاب بالىنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان ئىزدىنىشىنى، قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە بالىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى