قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «بىر جىڭى 120 يۈەنلىك قوي ئۈچۈن، ھەممىنى رەنجىتكەن ۋىن شەنمىڭ» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ 1- قىسمى

2018-03-12 13:59:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەنتتە ھېچكىم بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان قوينى بېقىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يالغۇز تاغدا ياشىدى. ھەتتا بىر ھەپتىدە بىر مىليون 300 مىڭ يۈەن زىيان تارتىپمۇ، بۇ ئىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇردى. 11 يىلدا ئۇ باشقىلار بىلمەيدىغان قانداق ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى؟ بۈگۈنكى پروگىراممىزدا خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھىرىدىكى ۋىن شەنمىڭنىڭ قوي بېقىپ باشقىلاردىن كۆپ پۇل تاپقانلىقى توغرىسىدىكى سودا مەخپىيىتى
خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەننىڭ شەھىرىدە ۋىن شەنمىڭ ئىسىملىك بىر كىشى بار. 12 يىلنىڭ ئالدىدا، بۇ 80- يىللاردا تۇغۇلغان ياش شۇ كەنتتە ھېچكىم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر ئىشنى قارار قىلدى. ئۇ بولسىمۇ قوي بېقىش ئىدى. ئۇ بۇ خىل قوينى بېقىش ئۈچۈن، ئۆزى يالغۇز تاغ ئارىسىغا كىرىپ كېتىپ، بىر تۇرغانچە 11 يىل تۇرۇپ قالدى. بۇ قارارى ئۈچۈن ئۇ نۇرغۇن مەسخىرىگە قالدى، سەرگەردان بولدى، ھەتتا ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسۋىتىنى ئۈزۈش گىراداۋىغىمۇ بېرىپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ قارارى ئۇنىڭغا يىلىغا 7 مىليون يۈەنلىك پايدا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى يەرلىكتىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلاندۇردى.
  ۋىن شەنمىڭ ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈچلەردە تاغدا قوي باقاتتى. 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۇ قويلارنى ئەمدى تاغقا قويۇپ بېرىپ تۇرۇشىغا، خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىش چىققانلىقى توغرىسىدا تېلېفون ئۇردى. مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تېزدىن باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپى ئۆزگىچە بىر مەنزىرىنى كۆردى. ئەسلىدە 20 كۋادرات مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئۈستى ئوچۇق نەسىللىك قوينى ئۇرۇقلاندۇرۇش قوتىنىدا، ئىككى قوچقار سوقىشىپ كەتكەن ئىدى. مۇخبىر ئەھۋال ئىگىلىگەندىن كىيىن بۇ قوچقارلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئون مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ جۆرە تالىشىپ مۇشۇنداق قاتتىق سوقۇشىپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر ۋاقتىدا ئاجرىتىۋەتمىسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى ئۆلگىچە سوقىشىدىغانلىقىنى بىلدى.
  ۋىن شەنمىڭ مۇخبىرغا بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىكلىكىنى، ئەگەر قوتانغا ئادەم كىرىپ ئۇلارنى ئاجراتسا، ئادەمنىمۇ ئۈسۈپ يارىلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ، ۋىن شەنمىڭ بىر قوچقارنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقنى كۆرۈپ پۇرسەت تېپىپ، خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇ ئىككى قوچقارنى ئايرىۋەتتى. دۇڭشەن قويىنىڭ مىجەزى چۇس بولغاچقا، سوقۇشۇپ قالسا بىرسى ئۆلمىگىچە ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ. ۋىن شەنمىڭ دۇڭشەن قويىغا قارىغاندا تېخىمۇ چۇس بولۇپ، ئۇ قوي بېقىش ئۈچۈن، تاغدا ئۆزى يالغۇز ئون نەچچە يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن مەسخىرىگە ئۇچرىدى. ھەتتا سەرگەردان بولۇپ، ئايالى ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئاتا- ئانىسى بىلەن مۇناسۋىتىنى ئۈزۈش گىراداۋىغىمۇ بېرىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھەرگىز ۋاز كەچمىدى. ئۇنداقتا ئۇ قوي بېقىشقا نېمىشقا ئامراق؟ قانداق قىلىپ قوي باقمىچىلىقىغا تايىنىپ يىلدا 7 مىليون يۈەن كىرىم قىلالىدى؟ قانداق قىلىپ شۇ جايدىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلىنالىدى؟
  ۋىن شەنمىڭ خەينەن ئۆلكىسى ۋەننىڭ شەھىرى خۇئەن كەنتىدىن بولۇپ، 2002- يىلى 5- ئايدا، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ۋىن شەنمىڭ ۋەننىڭ شەھىرىدىكى بىر ئامانەت قەرز كوپراتپىغا بۆلۈندى. ۋىن شەنمىڭنىڭ ئاتا- ئانىسى، يۇرتداشلىرى ئۇنىڭ بۇ خىزمىتىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. بىراق ئۇ ئۇچ ئايمۇ بولمىغان ۋاقىتتا، بۇ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، يېزىغا قايتىپ يەر تېرىدى.
  ۋىن شەنمىڭ مۇنداق دەيدۇ: دېھقانچىلىقنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ، بولۇپمۇ بىزنىڭ خەينەندەك ھاۋاسى ياخشى جايدا. مېنىڭچە خەينەندە دېھقانچىلىق قىلىشنى تاللاش ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن.
2002- يىلى كۈزدە، ۋىن شەنمىڭ كەنتىدە 100 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، ئاچچىق كاۋا تېرىپ، ئۇچ يىلدا 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. 2005- يىلى 6- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ۋىن شەنمىڭ قوشنا كەنتتىكى دۇڭشەن قويى باقمىچىلىك ئائىلىسىگە ئاچچىق كاۋىغا ئوغۇت سېتىۋېلىش ئۈچۈن باردى. لېكىن باقمىچىنىڭ بىر ئېغىز گېپىدىن ئۇ بىر چوڭ سودا يولىنى بايقىدى. ۋىن شەنمىڭ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭدىن دۇڭشەن قويىنىڭ ھەر جىڭىنىڭ باھاسى قانچە دەپ سورىسام، ئۇ 70 يۈەن دەپ جاۋاب بەردى. ئادەتتىكى قوي گۆشىنىڭ ھەر جىڭىنىڭ باھاسى 30 يۈەن ئىدى. مەن بۇ باھا پەرقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. شۇندىلا بۇ بىر سودا پۇرسىتىكەن، مەن ئەمدى دۇڭشەن قويى باقسام بولىدىكەن دېگەن قارارغا كەلدىم. ۋىن شەنمىڭ كىيىن تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كىيىن، دۇڭشەن قويى بېقىشنىڭ پايدىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، بازاردا ئېھتىياجنىڭ زورلىقنى ئىگىلەپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى. تىزدىنلا 100 مو يەردىكى ئاچچىق كاۋىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 480 تۇياق دۇڭشەن قويى سىتىۋېلىپ، باقمىچىلىققا كىرشتى. بىراق ۋىن شەنمىڭنىڭ بۇ قارارى ئۇنى ھەممە بىزار بولىدىغان ھالەتكە ئەكلىپ قويدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى