قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پانۇس بايرىمىدىكى ئۆزگىچە سوۋغا

2018-03-12 17:30:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى بولغان پانۇس بايرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەت ئىدارىسىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاپ ھەم تۇغقانلىرى بىلەن بىللە، شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلغان«قالتىس سەن، ۋەتىنىم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ، بۇ يىللىق پانۇس بايرىمىنى ئۆزگىچە مەنە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىدارىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىدارە باشلىقى رەيھان ئابلىز، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ دەن قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بايراملىق سوۋغىلارنى ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇسلارنى ئېسىپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. چۈشتە ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بايراملىق تاماق يېگەندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كىنوخانىغا بېرىپ،«قالتىس سەن، ۋەتىنىم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى.
مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ دەن بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز پانۇس بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەم قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىزغا بايراملىق ئۆزگىچە سوۋغا تەقدىم قىلىش مەقسىتىدە، ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى «قالتىس سەن، ۋەتىنىم» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى بىللە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدۇق.
بۇ فىلىمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرەشلىرى ناھايىتى ئەتراپلىق نامايان قىلىنىپتۇ. مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا، مائارىپ، قاتناش، ئۇچۇر- ئالاقە، ھەربىي ئىشلار، ياسىمىچىلىق ۋە ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، شۇنداقلا، پەقەت ئۇلۇغ ھەم دانا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولغاندىلا، مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئىشەندىم.
شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ۋەكىلى، سايباغ رايونى «خېيۆ» ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ جېڭگو بىزگە مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى. پەن- تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇشۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلدىم، مەندىكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى. بۈگۈن سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەت ئىدارىسىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىز بىزنى بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، بىزگە ناھايىتى ئۆزگىچە سوۋغا تەقدىم قىپتۇ، مەن بۇ ئېسىل سوۋغىنى مەڭگۈ ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىم بىلەن ئېجىل- ئىناق ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تىرىشىمەن.ئۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئېلشات دىلشات مۇنداق دېدى: مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كاتتا بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ئېسىل بىر لېكسىيە ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم، ئانا ۋەتىنىم جۇڭگودىن چەكسىز سۆيۈندۈم. مۇشۇنداق باي ھەم قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش بۇ دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. مەن چوقۇم پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، خىزمەت ئورنۇمدا تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى