قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سالامەتلىككە پايدىلىق بىر قانچە ساۋاتلار

2018-03-12 17:05:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىزدە «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، يىلنىڭ بېشى باھاردىن» دېگەن گەپ بار. سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىنكى ھەر بىر كىچىككىنە ئىش ھەرىكەتمۇ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىردەم يېتىۋېلىش:
ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئويغانغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى چىشىنى چوتكىلاش بولماستىن، بەلكى يەنە تۆت بەش مىنۇت كۆزىنى يۇمۇۋېلىش. ئويغانغاندىن كېيىن كارىۋاتتا يېتىپ پۇت- قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش، بولۇپمۇ بويۇن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشنىڭ باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بار.
يوتقاننى يېيىش:
كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئويغانغاندىن كېيىن يوتقاننى رەتلىك يىغىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. بىر كېچە ئۇخلاش جەريانىدا ئادەمنىڭ تېرىسى كۆپ مىقداردا سۇ پارى چىقىرىپ، يوتقاننى ئوخشىمىغان دەرىجىدە نەملەشتۈرىدۇ. ئەگەر بۇ سۇ پارىنى چىقىرىۋەتمىگەندە، كۆپ مىقداردا كانا ۋە مىكروب پەيدا بولۇپ، سالامەتلىككە تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، يوتقاننى ئۆرۈپ قويۇش ھەم ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىش كېرەك.
ئىلىمان سۇ ئىچىپ بېرىش:
سەھەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، سۇ مىقدارىنى تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئۈچەي- ئاشقازاننى تازىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
باشنى ئۇۋۇلاپ بېرىش:
ھەر كۈنى سەھەردە بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، باش قىسمى بىلەن يۈز قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، سۇنى چىقىرىپ، ئىششىقنى ياندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ.
روھىي پىسخىكىدىن بىشارەت بېرىش: سەھەر بىر كۈندىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىت. بۇنداق چاغدا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىلھام بېرىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن: ئەينەككە قاراپ كۈلۈش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش ئارقىلىق شۇ كۈنى ياخشى كەيپىياتتا بولالايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى