قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشتىكى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بەزى ئەپچىل چارىلەر

2018-03-12 17:11:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاشتۇزى:
تاۋۇزنى كۆپرەك يەۋېتىپ قورساق ئېسىلىپ قالسا، ئېغىزغا ئازراق ئاشتۇزىنى سېلىپ ئېرىگەندىن كېيىن يۇتۇۋەتسە، قورساق ئېسىلىش شۇ ھامان يوقايدۇ.
جياڭيۇ:
تېرە كۆيۈپ قالغاندا، كۆيگەن ئورۇنغا دەرھال جياڭيۇ سۈرتۈۋەتسە، ئاغرىق توختايدۇ، تېرە ئېچىلىپ كەتمەيدۇ.
ئاچچىقسۇ:
كۆيگەن جاينى ئاچچىقسۇ بىلەن ئېقىتىپ يۇسا، ئاغرىق توختايدۇ، ئىششىمايدۇ، سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇشتىن ساقلايدۇ، كېيىن تاتۇق ئىزى قالمايدۇ.
زەمچە:
ئىسسىق سۇغا ئازراق زەمچە ئارىلاشتۇرۇپ پۇتىنى يۇسا، بالىلاردىكى شۆلگەي ئېقىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ: چوڭلاردىكى يول ماڭغاندا پۇتى قاپىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
شوخلا:
ئاشقازان يارىسى كېسىلى بار كىشىلەر تولۇق پىشقان شوخلىنى ئېزىپ، چىققان شەربىتىنى ئازراق ئىسسىتىپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن تاماقنىڭ ئالدىدا ئون كۈنگىچە ئىچسە، ئاغرىقنى توختىتىدۇ ۋە يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ياڭيۇ:
بىرەر جاي كۆيۈپ قالغاندا، پاكىز يۇيۇلغان ياڭيۇنى قازانغا سېلىپ 25 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، پوستىنى سويۇۋېتىپ، كۆيگەن جايغا چاپلاپ، ئۈستىنى دېزىنفېكسىيە قىلىنغان داكا بىلەن تېڭىپ قويسا، يېنىك دەرىجىدىكى كۆيۈك يارىسى ئۈچ-تۆت كۈندە ساقىيىپ كېتىدۇ، كېيىن تاتۇق ئىزى قالمايدۇ.
خام زەنجىۋىل:
بىرەر جاي زەخىملىنىپ قانىغاندا، خام زەنجىۋىلنى ئېزىپ چاپسا، قان دەرھال توختايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى