قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆز خالتىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

2018-03-12 17:12:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆز ئاستىدىكى تېرىنىڭ بوشاپ خالتا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنى بىر قانچە مىنۇت تاختايدا يانتۇ يېتىپ، باش- يۈز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، يۈز قىسمىنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ بېرىش لازىم.
 بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆز ئاستىدىكى تېرىگە ئەنجۈر ياكى تەرخەمەك پارچىسى چاپلاپ بېرىش كېرەك.
يۈزگە خام قايماق سۈرتۈپ، بارماق بىلەن بىلىنەر- بىلىنمەس ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك- ئىچمەكنى ياخشىلاپ، ئەلا دەرىجىلىك ئاقسىل، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، پەمىدۇر، ياڭيۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئالىي دەرىجىلىك پەمىل چاي، قىزىل گۈل ئۇرۇقى ياكى زەيتۇن مېيىنى ھەركۈنى كۆز ئەتراپىغا سۈرتۈپ، 15 مىنۇتىن بىر نەچچە سائەتكىچە تۇرغۇزۇش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئەتراپى ناھايىتى نازۇك جاي بولۇپ، گىرىم قىلىش، يۇيۇش،  ئۇۋۇلاش قاتارلىقلاردا ناھايىتى ئېھتىياتچان، سىلىق- سىپايە بولۇش، كۆزنى قاتتىق ئۇۋلايدىغان، تولا چىمىلدىتىدىغان ئادەتنى تاشلاش، ئورۇقلايمەن دەپ ئوزۇقلۇقتىن قىسماسلىق، ئەتىگەندە كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى