قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دانالار ھېكمەتلىرى

2018-03-12 17:14:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەرتىپلىك بولۇش، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھەر بىر ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاش، قەتئىي بولۇش، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى جەزمەن قىلىش، قىلغان ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش. 
تىجەشلىك بولۇش، پۇلنى ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ پايدىلىق ئىشلارغا خەجلەش ھەرگىز ئىسراپ قىلماسلىق.
تىرىشچان بولۇش، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك، ئەسقاتىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ئەھمىيەتسىز  قىلمىشلاردىن قەتئىي ئۆزىنى تارتىش.
سەمىمىي بولۇش، تۇرمۇشتىمۇ ھەم شۇنداق بولۇش. ئادىل بولۇش، باشقىلارغا زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇش.
كەڭ قورساق بولۇش، باشقىلار ۋاپاسىزلىق قىلغاندا سەۋر- تاقەت قىلىشقا ماھىر بولۇش.
تەمكىن بولۇش، كىچىككىنە ئىشلار، دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىشلار ياكى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشلار تۈپەيلىدىن ئالاقىزادە بولۇپ كەتمەسلىك.
ساداقەتمەن بولۇش، يەنى ئائىلىگە ۋە دوستلىرىغا ساداقەتمەن بولۇش لازىم.
يۇقۇرىدىكى ئېسىل پەزىلەتلەر ئادەتكە ئايلانسا، ئىشىنىمىزكى تۇرمۇشىڭىز شادلىق ئىچىدە خاتىرجەم ئۆتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى