قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لەۋ يېرىلىش بەدەندە سۇ كەمچىللىكتىنمۇ؟

2018-03-12 17:32:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دائىم لىۋىڭىز يېرىلىپ ياللۇغلىنامدۇ؟ بۇ بەلكىم بەدىنىڭىزدە مەلۇم خىل ۋىتامىننىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
لەۋ يېرىلىش، جاۋغاي ياللۇغى
ۋىتامىن B2 بەدەندىكى توقۇلما ۋە يارا ئېغىزلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ۋىتامىن B2 كەمچىل بولسا لەۋ ئەتراپى يېرىلىدۇ ياكى ياللۇغلىنىپ تۆشۈك ئېچلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ۋىتامىنB2  تېرە ۋە چاچنىڭ ئۆسۈشى ۋە ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ۋىتامىن B2 بەدەندە ئۆزلۈكىدىن ساقلانمايدىغان بولغاچقا، يېمەكلىك ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر كۈنى 250 مىللىلېتىر سۈت ئىچسە ۋىتامىن B2 تولۇقلاشقا پايدىلىق، بۇنىڭدىن سىرت، قېرىنقۇلاق، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت، ئۆرۈك قاتارلىقلاردىمۇ ۋىتامىن B2  ئىنتايىن مول. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ھەر كۈنى ئەرلەر 1.3 مىللىگىرام، ئاياللار 1.1 مىللىگىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى