قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونۇم رايوننىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 1 مىليارد 82 مىليون يۈەنلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن

2018-03-12 17:47:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونۇم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونۇم رايوننىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 1 مىليارد 82 مىليون يۈەنلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، مائارىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش مەخسۇس تۈردىكى جەمئىي 86 تۈر ئۈچۈن ئىشلىتىش پىلانلانغان. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق كاپالەت قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 859 مىليون يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، بۇ ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار قۇرۇلۇشى، ئانا- بالىلار ساغلاملىقى كاپالەت قۇرۇلۇشى، جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت سەھىيە ئىشلىرى مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشىدىكى 69 تۈرگە چېتىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى