قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپاندىكى جىغانلىق ئارامگاھى

2018-03-12 17:49:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىغان ئۇچتۇرپاننىڭ تەبىئىي ئۆسۈملۈك بايلىقىدۇر. جىغانلىق تەبىئىي مەنزىرە رايونى ياۋا گۈل - گىياھلىرى، ئوت - چۆپلىرى، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلىرى ۋە مەيىن شامىلى بىلەن تەنگە راھەت ئاتا قىلغاچقا، كىشىلەرنىڭ يازلىق ساياھىتىدىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.
جىغانلىق ئوتبېشى يېزىسىنى مەركەز قىلىپ تەدرىجىي كېڭەيگەن بولغاچقا، نۇرغۇن جىغانلىق ساياھەت نۇقتىلىرى توشقان دەريا ساھىلىغا بەرپا قىلىنغان. جىغان مېۋىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ۋىتامىن A قاتارلىق سەككىز خىلدىن كۆپ ۋىتامىن، كالتسىي، مىس قاتارلىق 20 نەچچە خىل مىكرو ئېلېمېنت، 20 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە باشقا تەركىبلەر بار. ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى باشقا ھەرقانداق مېۋىدىكىدىن كۆپ. جىغان مېۋىسى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە دورا ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.
قاتنىشى قولاي، ھاۋاسى ساپ، سۈيى مول جىغانلىق ئارامگاھلىرى ئۇچتۇرپاندىكى يېڭى تەرەققىي قىلغان ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر. جىغانلىق ئارامگاھلىرىدا ئۆزگىچە بېزەلگەن ياغاچ ئۆيلەر، ئىلەڭگۈچ قاتارلىق چېنىقىش، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار، كىشىلەر بۇ يەردە ھەم ئارام ئالىدۇ، ھەم سەيلە - ساياھەت قىلغاچ كۆڭۈل ئاچىدۇ.
ئەمدى بىز دېققتىمىزنى ئۇچتۇرپاندىكى مارجانبۇلاق سەيلىگاھىغا ئاغدۇرايلى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتبېشى يېزىسىدىكى مارجانبۇلاق سەيلىگاھى توشقان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 160 مو كېلىدۇ.مارجانبۇلاق سەيلىگاھىدا 2002-يىلىدىن باشلاپ ساياھەتچىلىك يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ جاينىڭ قاتنىشى قولاي، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، سۈيى مول بولغاچقا، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ سەيلىگاھتا سۈيى سۈپسۈزۈك كۆل، جىغانلىق، مېۋىلىك باغلار بار بولۇپ، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، كۈتۈنۈش ۋە سەيلە -ساياھەتكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ساياھەتچىلەر سۇغا چۆمۈلۈپ، باغدىكى ھەر خىل مېۋىلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېيەلەيدۇ. چېدىر -ئۆيلەر، كىگىز-گىلەملەردە ئولتۇرۇپ خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى