قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە قاتناش تىرانسپورت ساھەسىدىكى كەسپىي مائارىپنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەرىكەت پىلانىنى باشلاش يىغىنى ئېچىلدى

2018-03-12 17:55:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، مەملىكەت بويىچە قاتناش تىرانسپورت ساھەسىدىكى كەسپىي مائارىپنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەرىكەت پىلانىنى باشلاش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان) «شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ھەرىكەت پىلانى» ئېلان قىلىندى.
«ھەرىكەت پىلانى»غا ئاساسەن،2018- يىلىدىن2020- يىلىغىچە، مەملىكەتلىك قاتناش تىرانسپورت كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى مەۋسۈمنى بىرلىك قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالتە باسقۇچقا بۆلۈپ قانات يايدۇرىدىكەن؛ «سىرتقا چىقىرىش، سىرتتىن كىرگۈزۈش» شەكلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قاتناش-ترانسپورت ئالىي كەسپى مەكتەپلىرىنى شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى