قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماشىنا توختاتقاندا ماشىنا سۈركىلىپ كەتمىسۇن دېسىڭىز بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ

2018-03-12 18:05:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1.ئامال بار ماشىنىنى قىرغاققا يېقىن توختىتىڭ.
ماشىنا توختاتقاندا ئامال بار قىرغاققا يېقىن توختىتىش، ئىككى ماشىنا ئارىلىقىدىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىنى تاللىماسلىق كېرەك، تامغا يېقىن ياكى تۆۋرۈككە يېقىن ئورۇنلارغا توختاتقاندا باشقا ماشىنىلار بىلەن سۈركىلىپ كېتىشنىڭ نىسپىتى تۆۋەنلەيدۇ؛
2.باشقىلارنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنىنى ئىگىلىۋالماسلىق كېرەك.
بۇنداق بولغاندا ئاسانلا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، باشقىلارنىڭ قەستەن ھالدا ماشىنىڭىزنى سىزىپ سېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئەگەر ۋاقىتلىق توختاتقاندا تېلېفون نومۇرنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ؛
3. ماشىنا يان ئارىقىلىنى ساقلاش كېرەك.
باشقا ماشىنىغا يېقىن قىلىپ توختاتقاندا چۈشكەندە چىققاندا بىر قىينىلىسىز، شۇڭا ئىككى ماشىنا يان ئارىلىقى ئادەتتە 1.5 مېتىر بولسا ئۆلچەملىك بولىدۇ.
4. يول قىرغىقىغا دېققەت قىلىش كېرەك.
بولۇپمۇ پىكاپلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ماشىنىنىڭ تەگلىكىنى سۈركەپ قويۇپ ئالدى/ئارقا بىخەتەرلىك لىم ۋە ئاستىدىكى ئېقىمغا قارشى تاختىنى كاردىن چىقىرىسىز؛
5. يولنىڭ بويىدا قالايمىقان ماشىنا توختاتماڭ.
يولنىڭ بويىدا قالايمىقان ماشىنا توختاتقاندا بىر تەرەپتىن كىشلەرنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر قىلىدۇ،ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ماشىنا توختاتقان بولۇپ جەرىمانە تۆلەيسىز ھەمدە بىلىپ بىلمەي باشقا ماشىنىلار بىلەن سۈركىلىپ سىزىلىش كېلىپ چىقىدۇ؛
6. ماشىنىنى يول كىرىش ئېغىزىغا ۋە ئەگىلىدىغان يول ئېغىزىغا توختاتماسلىق كېرەك.
بۇ خىل يول ئېغىزلىرى بىر قەدەر تار، ماشىنا مىقدارى بىر قەدەر يوقىرى بولۇپ، ماشىنىلار سۈركىلىپ كېتىش نىسپىتى يۇقىرى رايۇنلاردۇر، توختىتىش توغرا كەلسە ئىچىگىرەك توختىتىپ ئۆتىدىغان ماشىنىلارغا يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك؛
7. ھەرگىز گىرەلەشمە ماشىنا توختاتماڭ.
گىرەلەشمە ماشىنا توختاتقاندا باشقا ماشىنىلارنىڭ نورمال كىرىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاسانلا ماشىنىلارنىڭ سۈركىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
8. ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى يىغىۋېتىش كېرەك
بۇنداق بولغاندا ياندىن ئۆتكەن ماشىنىلارنىڭ بوشلۇقى كېڭىيىدۇ، ھەمدە سوقۇلۇپ كەتمەي، ئىككى ماشىنىنىڭ سۈركىلىپ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛
9. قاراڭغۇ ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن يىراق تۇرۇڭ.
بەزى يەر ئاستى ماشىنا ئامبارلىىرى ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ چىراقلىرى ئانچە ياخشى ئەمەس،نۇرغۇن ۋاقىتتا شوپۇرلارنىڭ كۆرۈش سىزىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئاسانلا باشقا ماشىنىلار تەرىپىدىن سوقۇلۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ماشىنىنى قاراڭغۇ غۇۋا جايلارغا توختاتماسلىق كېرەك؛

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى