قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەنزىرىلەرنى قانداق قىلغاندا ياخشى تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ؟

2018-03-12 19:47:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. تۈرلۈك مەنزىرلەرنى تەسۋىرلەپ ماقالە يازغاندا چوقۇم كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش كېرەك.
  ھەرقانداق مەنزىرىنى ياخشى تەسۋىرلەشنىڭ ئاساسى كۆزىتىشتۇر. مەسىلەن، يامغۇر، باھار پەسلى، شامال قاتارلىقلارنى ئىنچىكە كۆزەتمىگەندە، ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بەزى مەنزىرىلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆزەتكەندىلا، ئاندىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. كۆزىتىشتىكى مەقسەت مەنزىرىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت. ناۋادا قانچە كۆزەتكەن بىلەنمۇ، مەنزىرىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدىلىكىنى بايقىيالمىساق، بۇنداق كۆزىتىش بىھۇدە ئىش بولۇپ قالىدۇ.
2. مەنزېرە تەسۋېرلىگەندە تەسۋىرلەش تەرتىپىنى ياخشى تاللاش كېرەك.
  ئوخشىمىغان مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەشتە، ئوخشىمىغان تەسۋىرلەش تەرتىپىنى قوللىنىش لازىم. كۈننىڭ چىقىش ۋە ئولتۇرۇشىنى تەسۋىرلىگەندە ۋاقىت تەرتىپىنى قوللىنىش،باغچە ،تاغ قاتارلىقلارنى تەسۋىرلىگەندە ئورۇن تەرتىپىنى قوللىنىش لازىم. كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل ماسلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىدۇ.
3. مەنزېرە تەسۋىرلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك .
  رەسىم سىزغانغا ئوخشاش، ماقالە يېزىشتىمۇ تەسۋىرلەشكە ماھىر بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. گۈزەل مەنزىرىلەرنى رەڭگى، ئاۋازى، شەكلى، پۇرىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، كىتابخانلارغا نامايان قىلىپ بېرىش لازىم.
4. مەنزېرە تەسۋېرلىگەندە ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈش كېرەك.
  گۈزەل مەنزىرىلەر ئادەمدە كۈچلۈك ھاياجان، ھېسسىيات پەيدا قىلىدۇ. بىز چوڭ دېڭىزنى كۆرگەندە خۇشال بولىمىز، ئېگىز تاغ ئۈستىگە چىققاندا پەخىرلىنىمىز، مەنزىرىلىك جايلارنى ساياھەت قىلغاندا زوقلىنىمىز... مانا مۇشۇنداق ھېسسىياتلارنىمۇ مەنزىرە تەسۋىرى جەريانىدا تەبىئىي ئىپادىلەشكە تىرىشىش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى