قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى بېدىلەر بازارغا سېلىندى

2018-03-12 20:58:12     xjbs   

 

شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىر تىنچلىق جەنۇبىي يولى، يۆجىنگەي كوچىسى، بۇلاقبېشى كوچىسى قاتارلىق كوچىلاردىكى بەزى كۆكتات دۇكانلىرى، مېۋە-چېۋە دۇكانلىرىدا يېڭى بېدىلەرنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى ۋە بۇنى سېتىۋالغان خېرىدارلارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردى.

   «بېدىنى ئادەتتە ئەتىياز پەسلىدىلا تاپقىلى بولىدۇ، بۇ پەسىلدىن ئۆتۈپ كەتكەندە تاپقىلىمۇ بولمايدۇ، بېدە ناھايىتى ياخشى ساغلاملىق تامىقى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئەتىيازدا كۆپرەك سېتىۋېلىپ، چۆچۈرە تۈگۈپ يەيمىز، ئازراق پەمىدۇر، پالەك قاتارلىقلارنى قوشۇپ شورپا قىلىپ ئىچىمىز» دېدى تۇنىساخان ئانا.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بېدىلەر بازارغا يېڭىلا سېلىنغان بولغاچقا، ھەر كىلوگىرامى 20 يۈەن بولۇپ، باھاسى سەل يۇقىرى ئىكەن، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھاۋا تېخىمۇ ئىللىسا بېدە قاتارلىق ياۋا كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپىيىپ، مىقدارى ئېشىپ، باھاسىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

  بېدىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭغا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول يىرىك ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىنC، E ۋە تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ. كىشىلەر ئاساسلىقى باش ئەتىيازدىكى بېدە كۆكىنى يەيدۇ، بېدە كۆكىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى، يېمەكلىك تالالىرى مول، تەركىبىدە شېكەر ناھايىتى ئاز، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولۇپ، بېدە كۆكى يۇقىرى تالالىق ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى