قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېگرا قوغدىغۇچى لاچىن بايقانى

2018-03-13 17:11:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لاچىن بايقا-- تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى ئاددىي چېگرا قوغدىغۇچى. ئۇ بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا بىر ئالبوم ئېلىپ باردى. بۇ ئالبومغا قانداق ھىكايىلەر خاتىرلەنگەن؟
لاچىن بايقا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2015- يىلى 2- ئاينىڭ11- كۈنى، پامىر ئىگىزلىكىدىكى تاجىك مىللىتىدىن بولغان بىر ئائىلىدىكى 3 ئەۋلات چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئىچىدىكى ياش بىر ئەۋلات بولۇش سۈپىتىم بىلەن،2015- يىللىق مەملىكەتلىك ئارمىيە- خەلق چاغانلىق سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتىم. باش شۇجى1- رەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇردى، مەن2- رەتتىكى باش شۇجىنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇندا تۇردۇم. باش شۇجىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. باش شۇجى مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا «باش شۇجى، ياخشىمۇسىز! مەن شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن چېگرا قوغدىغۇچى» دېدىم. باش شۇجى مەندىن «سىز قايسى مىللەتتىن؟» دەپ سورىغاندا، مەن «تاجىك مىللىتىدىن» دەپ جاۋاپ بەردىم. باش شۇجى ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلىدە بولدى.
  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم بارغان لاچىن بايقا بىر ئالبومنى بىرگە ئېلىپ باردى ھەمدە باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىپ، ئالبومدىكى قىممەتلىك سۈرەتلەرنى باش شۇجىغا سوۋغا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.
قونجىراپ دىگەن سۆزنىڭ تاجىك تىلىدىكى مەنىسى-- «قان بىلەن بويالغان يول» دېگەنلىك. دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 100 مېتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان قونجىراپتا، ھاۋادىكى ئوكسىگىن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا، 7، 8 بال بوران چىقىپ تۇرىدۇ. لاچىن بايقا ئائىلىسىدىكى 3 ئەۋلات كىشىلەرنىڭ چېگرا قوغداۋاتقىنىغا 69 يىل بولدى. لاچىن بايقا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، شارائىتىمىز ناچار ۋاقىتلاردا، ئەتتىگەندە چىقىپ كەتسەك، كېچىدە قايتىپ كېلەتتۇق. سىرتتا 12 سائەتلەپ يۈرەتتۇق. ھازىر، دۆلەت بىزگە موتسىكلىت، سۆزلىشىش ئاپپاراتى، سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى. موتسىكلىت بىلەن 2 سائەتتىلا خىزمەتنى تاماملاپ بولىمىز. ھازىر، بارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلارغا ئىش ھەققى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دېھقان- چارۋىچىلار چىرايلىق سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.
  لاچىن بايقا يەنە مۇنداق دېدى: قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككى يىغىن روھى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلارغا يەتكۈزىمەن. ۋەتەن بىزگە ئىھتىياجلىق بولغانىكەن، مەڭگۈ چېگرا قوغدىغۇچى بولىمەن،. ۋەتەن چېگرىسىنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى