قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقئارالىق ئۆلچەمنى نىشان قىلىپ، سەۋىيەنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018-03-13 17:11:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلقئارالىق ئۆلچەمنى نىشان قىلىپ، سەۋىيەنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساياھەتچىلىك كەسپى-- شىنجاڭدىكى زور يۇشۇرۇن كۈچ ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولغان مۇھىم تۆۋرۈك كەسپ. ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپىراتورا 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، قار- مۇزلار تېز ئېرىدى. ئەمما، ئۈرۈمچىدىكى يىپەك يولى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، ئالتايدىكى سانغۇن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قار سۈپىتى يەنىلا ياخشى بولۇپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالدى. سىچۈەن چىڭدۇدىن كەلگەن خەن شىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ چاڭغا تېيىلىۋاتقىنىغا بىر قانچە كۈن بولغان بولغان ئىدى. خەن شىن مۇنداق دېدى: چاڭغا تېيىلىش بېلىتىنىڭ باھاسى ئەرزان، تاماق، ياتاقمۇ قىممەت ئەمەسكەن. چاڭغا تېيىلىش يوللىرىنىڭ لايىھىلىنىشى ياخشى ئىكەن. بىز بۇ يەردە بەك خۇشال ئوينىدۇق.
ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدىكى بېسىق مەزگىل بىلەن سۇس مەزگىل پەرقى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ھەر يىلى 7-، 8-، 9- ئايلاردا، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىنى ئادەم بېسىۋالاتتى. قىش ۋە ئەتىيازدا بولسا، ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەت بايلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. بولۇپمۇ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. ھازىر، يىپەك يولى خەلقئارا ئېستىراھەت رايونى-- ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدىكى باشلامچى مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى. يىپەك يولى خەلقئارا ئېستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يەككە ھالدا چاڭغا تېيىلىشتىن ھازىر چاڭغا تېيىلىش ۋە ئارام ئېلىشقا يۈزلەندۇق. 2004- يىلى تىجارەت باشلىغاندا، يىلىغا 30 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالغانىدۇق. ھازىر، يىلىغا 500 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىغان بولدۇق. ئادەم سانى جەھەتتىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ قار- مۇز ساياھىتى ۋە قار- مۇز تەنھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىد بولدى.
   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. تۇرپان شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسى، مورى ناھىيەسى، بارىكۆل ناھىيەسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى، بىڭتۈەن 1- شىسى 10- تۈەنى قاتارلىق جايلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون قاتارىغا كىردى. بۇ جايلاردىكى دېھقان- چارۋىچىلار ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىككە ئاكتىپ ئاتلاندى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىدىكى بايىنجاپ ئەر- خۇتۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، كىگىز ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولدى، بايىنجاپ-- چارۋىچى بولۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسى ئىكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، چارۋىچىلار شادلىقى ئارامگاھى ئېچىپ، 80 مىڭ يۈەنلىك تولۇقلىمىغا ئېرىشتى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەندى. بۆگدۆر كەنتىمۇ ئوبلاست بويىچە سەھرا ساياھىتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ قالدى. بايىنجاپ مۇنداق دېدى: ئارشاڭ ناھىيەسى ساياھەت رايونى، بۇ يەرگە كېلىدىغانلار خېلى كۆپ بولغاچقا، قىلىدىغان كىرىمىمىزمۇ ئاشتى. ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، بىر كۈندە 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز. ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى شۇنداق ياخشى سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت.
   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇساجان نۇردۇن «ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك-- يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ناھايىتى ياخشى بىر نۇقتا» دەپ قارىدى. مۇساجان نۇردۇن تۇرۇشلۇق غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرىدا بىر ئاققۇ كۆلى بار بولۇپ، بۇ يەردىكى دېھقانلار ساياھەتچىلىك بايلىقىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىغا پائال ئاتلاندى. مۇساجان نۇردۇن مۇنداق دېدى: ھەر يىلى قىشتا، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىسى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 107 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى. بۇ 2016- يىلىدىكىدىن %32.4 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىك ئىستىمال سوممىسى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %30 ئاشتى. بۇنىڭ بىلەن، ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەرەققىيات كومىتېتى پىلان باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، كەسپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، سەرخىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلق تەڭ بەرپا قىلىش ۋە تەڭ بەھرىمەن بولۇش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىلگىرىكى ساننى كۆپەيتىشتىن سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، يەككە ھالدىكى يازلىق ساياھەتچىلىكتىن 4 پەسىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىككە يۈزلىنىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى