قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئايدىڭكۆل بازىرى يەمشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ھەل قىلدى

2018-03-13 17:11:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ھازىر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئايدىڭكۆل بازىرى يەمشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئېتىز بېشىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.
بۇ بىر قانچە كۈندە، كەنت ئاھالىسى ئەنۋەر ئابدۇنىيازنىڭ ئېتىزلىقىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، كەنت كادىرلىرى بىرلىكتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ كاللەكبەسەي تېرىشىپ بەردى. ئەنۋەر ئابدۇنىياز بۇ يىل 30 مو يەرگە كاللەكبەسەي تېرىماقچى ئىدى، لېكىن ئائىلىسىدە پەقەت ئىككىلا ئەمگەك كۈچى بارئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ يېرى بىر قەدەر كۆپ، ئەمگەك كۈچى ئاز، كۆكتات تېرىشتا قىيىنچىلىقىم بارئىدى، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلغىلى كەپتۇ، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت.
يەمشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى پەرھات مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يەمشى كەنتىدە 4 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار، بىز ھەر كۈنى بىر ياكى ئىككى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشنى پىلانلىدۇق. كۆكتانى بۇرۇن تېرىپ، بۇرۇن بازارغا سېلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.
خىزمەت ئەترىتى يەنە يەمشى كەنتىدە قولۇم- قوشنا، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلاردىن «ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» تەشكىللەپ، كوللېكتىپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلدى. كەنت ئاھالىسى رابىگۈل لېتىپ تۇرۇشلۇق «ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» 10 ئايالدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ گۇرۇپپا باشلىقى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ، قايسى ئائىلە ياردەمگە موھتاج بولسا، شۇ ئائىلىگە بېرىپ ياردەملىشەتتى. رابىگۈل لېتىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاچا- سىڭىللارنى يېتەكلەپ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىشلىدۇق، كۆپچىلىك خېلى يامان ئەمەس كىرىم قىلدۇق. مېنىڭچە بۇ بەك ياخشى ئىش. بىز بۇ يىلمۇ ھەممەيلەن كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشچان بىر جۈپ قولى ئارقىلىق، ئائىلە كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى