قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شياڭ جيەنجۈن موزدوزلۇق ھۈنىرىگە تايىنىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى

2018-03-13 17:11:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بىڭتۈەن 8- شىسى شىخەنزە شەھىرى 34- مەھەللىسىدە، ئېچىلغىنىغا 30 يىل بولغان بىر كونا موزدوزلۇق دۇكىنى بار. ئوڭ پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان شياڭ جيەنجۈن دەل مۇشۇ دۇكاندا موزدوزلۇق ھۈنىرىگە تايىنىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بارلىققا كەلتۈردى.
 شياڭ جيەنجۈننىڭ موزدوزلۇق دۇكىنى چوڭ بولمىسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىدى. شياڭ جيەنجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ئوڭ پۇتۇم مېيىپ بولۇپ قالغان. كېيىن دوستلۇرۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇستازىمغا ئەگىشىپ، موزدوزلۇق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدىم. پۇتۇم ياخشى بولمىغاچقا، مەن خىزمەتنى پەقەت ئولتۇرۇپلا قىلىمەن. ئېسىمدە قېلىشىچە مەن 1987- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى تىجارەت باشلىغان. ئۇ كۈنى مەن پەقەت ئۈچ يۈەن سەككىز مو تاپقان بولساممۇ، ئىنتايىن خۇشال بولغانىدىم.
 شياڭ جيەنجۈن يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغاندا، مەبلەغ يوق بولغاچقا، دۇكان ئىجارىگە ئالالماي، مەھەللىدە يايما ئاچقانىدى. ھېيت- بايرام كۈنلىرى مېيىپلار بىرلەشمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار كېلىپ ئۇنىڭدىن ھال سورايتتى، قوشنىلارمۇ دائىم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇنىڭغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلاتتى. شياڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: ئۇ چاغدا قوللىرىم توڭلاپ يېرىلىپ كىتەتتى، قۇلۇم- قوشنىلارمۇ دائىم ماڭا ياردەم قىلاتتى ۋە مەشكە ئوت قالىشىپ بىرەتتى.
 شياڭ جيەنجۈن ۋە ئۇنىڭ ئايالى 1997- يىلى، بىڭتۈەن 8- شىسى شىخەنزە شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىدا، ھازىرقى بۇ دۇكاننى سېتىۋالدى. شياڭ جيەنجۈن دۇكاندا موزدوزلۇق قىلسا، ئايالى يېنىدا تۇرۇپ ياردەملىشەتتى. ئىككىسى ئوبدان ھەمكارلىشىپ، تۇرمۇشىنى خۇشال- خورام ئۆتكۈزەتتى. قولۇم- قوشنىلارمۇ ئۇلارنىڭ ھۈنىرىگە قايىل ئىدى.
ئىككى يىل ئىلگىرى، ئەر- ئايال ئىككىسى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىنادىن يەنە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى. بۇ يىل، شياڭ جيەنجۈننىڭ ئوغلى شياڭ يۈكۈن توي قىلماقچى بولدى. شياڭ يۈكۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆز ئەمگىكىم ئارقىلىق بەختىيار تۇرمۇش يارىتىمەن ھەمدە ئاتا- ئانامغا ۋاپادارلىق بىلدۈرىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە مەردان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى