قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى غوجاتورۇس كەنت ئاھالىسى گاۋ پېڭ بىلەن ئابدۇل توقا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى 11 يىل ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ كەلدى

2018-03-13 17:11:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى غوجاتورۇس كەنت ئاھالىسى گاۋ پېڭ بىلەن ئابدۇل توقا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى 11 يىل ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ كەلدى.
بۇ مەزگىلدە، گاۋ پېڭ ئىزچىل تېلىفون ئارقىلىق سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئابدۇل توقانىڭ نەشپۈتلىرىنى سېتىشقا ياردەملىشىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن ئابدۇل توقانىڭ ئائىلىسىدە 15 مو نەشپۈتزارلىق بولۇپ، بۇلتۇر نەشپۈتتىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم نەشپۈتنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاپ، بۇ يىل چاغاندا ساتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل خېرىدار تاپالمىغانىدى، تەلىيىگە گاۋ پېڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى. ئابدۇل توقا مۇنداق دېدى: چاغاننىڭ ئالدىدا، ئۇ بازارغا بېرىپ نەشپۈت زاكاز قىلىدىغانلار بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردى، يەنە تونۇشلىرىنى نەشپۈت زاكاز قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ھازىر بىر قىسىمىنى سېتىپ بولدۇم. شۇ چاغدا بەك تىت- تىت بولغانىدىم، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، بىرمۇ نەشپۈتنى ساتالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى.
گاۋ پېڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى غوجاتورۇس كەنتىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ ئائىلىسى. 11 يىل ئىلگىرى، ئۇ ئايالى بىلەن بىللە سىچۈەندىن كېلىپ، 300 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ كىۋەز تېرىدى. ئابدۇل توقا گاۋ پېڭنىڭ ناتونۇش يەردە قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر- بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىككىيلەن ئاكا- ئۇكىدەك يېقىن ئۆتۈپ كەلدى. گاۋ پېڭ مۇنداق دېدى: مەن ھازىر بەزى ئاددىي ئۇيغۇرچە گەپلەرنى قىلالايمەن، بۇنىمۇ ئۇ ماڭا ئۆگەتكەن. ئۇ خۇددى ئۆز ئاكامغا ئوخشاش، ئەگەر ئۇ بولمىسا بېيىش ئەمەس، ھەتتا تىل ئۆتكىلىدىنمۇ ئۆتەلمەيتتىم. ھازىر بىر يىلدا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن. ئۇ بولغاچقا مەن بۇ يەرنى ئۆز ئائىلەمدەك، بۇ يەردە ئۇرۇق- تۇغقىنىم باردەك ھېس قىلىمەن.
2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئابدۇل توقانىڭ كېلىنى بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى دوختۇرخانىغا ئالمىشىپ داۋالىنىدىغان بولدى، بىر ئائىلە كىشلىرى رەسمىيەتلەرنى قانداق بېجىرىشنى بىلمەي قالغاندا، گاۋ پېڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەنت كومىتېتىغا بېرىپ، تەرتىپنى ئېنىق سوراپ، ئالدى- كەينىگە چېپىپ يۈرۈپ رەسمىيەت بىجىردى، ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. ئابدۇل توقا مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ئۆيدە بۇنداق ئىشلار بولسا، ئۇ ماڭا «ئاكا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن بار، بىز بىللە ئامال تاپايلى، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن، ھەل بولمايدىغان ئىش يوق» دەيدۇ. ئۇنىڭ ياردىمىدە كېلىنىم ۋاقتىدا داۋالاندى، بىز بىر ئائىلە كىشلىرى ئۇنىڭدىن بەك مىننەتدار.
گاۋ پېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئابدۇل ئاكىنىڭ غەمخورلۇقى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى، مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە يۇرتداشلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىمەن. بۇلتۇر كەنتتە پاختىچىلىق ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇردۇم. كۆپچىلىكنى باشلاپ بىللە ئىشلەپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى بىللە ئۆگىنىپ، تۈرلۈك ماشىنا ئارقىلىق كىۋەز تېرىش، پاختا يىغىشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلەر ئارقىلىق، كۆلەملىك تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى