قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

3-ئاينىڭ 13-كۈنى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىككى پارچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئىمزالىق ماقالىسى

2018-03-13 17:11:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

3-ئاينىڭ 13-كۈنى نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىككى پارچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
  بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم سېرىك قابۇكەننىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن بىر پارتىيەلىك كادىر. مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىمەن. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش خام خىيالىدا بولماقتا، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى؛ كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ شېرىكى، چوقۇم ئۈزۈل- كېسىل تازىلاش كېرەك. مەن ئۆز رولۇمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، پولاتتەك سادىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن ھەرىكەت، ئەڭ كۈچلۈك ۋاسىتە ئارقىلىق، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرىمەن. ھەر مىللەت كادىر- ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي پائال يېتەكلەيمەن.
كۈيتۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ھېيتموللانىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق- تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش قەستىدە بولماقتا. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نىڭ جىنايى قىلمىشىغا قارىتا، بىز ھەرگىز سۈكۈت قىلماسلىقىمىز، تەخىر قىلماسلىقىمىز كېرەك. مەن ھەر ۋاقىت پارتىيەگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئولىيەتنى دادىل ئۈستۈمگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئوچۇق- يورۇق بولۇپ، راست سۆزلەپ، سەمىمىي ئىشلەپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، زوراۋان- تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويىمەن. مەن باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن!

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى