قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كونىنى تاشلاپ، يېڭىنى باشلاپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتايلى

2018-03-13 17:24:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بۇلتۇر 6- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى. قۇمۇل شەھىرى، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرى-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇمۇل شەھىرى يېشىل پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شامال ئېلىكتىرى ۋە يورۇقلۇق ۋولتى قاتارلىق پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئۆز جايىدا ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋە ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىشنى پىلانلىدى. يېرىم يىل تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ھازىر، قۇمۇل شەھىرى يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يورۇقلۇق ۋولتى قاتارلىق يېشىل تۈردىن 198 نى بېكىتىپ، بۇنىڭغا جەمئىي 75 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى نىشانلىدى. قۇمۇل شەھەرلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: سانائەت جەھەتتە، يېشىل سانائەت ۋە يېشىل قاتناشنى ئاساس قىلىمىز. يېزا ئىگىلىكىدە، كالىيلىق چىرىندا كىسلاتاسىنى ئاساس قىلىپ، كالىيلىق چىرىندا كىسلاتاسى ئارقىلىق تۇپراقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايمىز. ئىكولوگىيەلىك ئىقتىدار رايونلىرىدا، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە سۇ- تۇپراقنى ساقلاشنى ئاساس قىلىمىز.
  بۇلتۇر 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ھالدا، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش؛ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، <3 تە يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، زىمىنى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
  نۆۋەتتە، يېشىل پۇل مۇئامىلە-- مۇھىت ئاسراش، ئېنىرگىيە تىجەش، پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى، يېشىل قاتناش، يېشىل بىناكارلىق- قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۈر ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەۋپ- خەتەرنى كونتىرول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە قارىتىلدى. يېشىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىش  تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېشىل كەسىپكە سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلغىنىش خاراكتىرلىك مەبلەغ سېلىشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قۇمۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى زۈمرەت ئۇبۇل مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمالغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن- تۈزۈم ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇ يىل، بىرىنچىدىن، يېشىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىككىنچىدىن، بانكا كەسپىدىكىلەرنىڭ يېشىل كىرىدىت سىستېمىسى بەرپا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئۈچىنچىدىن، يېشىل پۇل مۇئامىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى سىجىل ئاشۇرۇش، يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن باشقا كەسپلەرنى سىجىل تۆۋەنلىتىش ھەمدە تەدرىجىي چېكىندۈرۈش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.
  «يېشىل پۇل مۇئامىلە»-- ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى؛ مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە مىخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتى؛ مالىيە- باج ۋە پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلەتتى؛ تىجارەت بېجىنى ئاشۇرما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى؛ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بولۇپمۇ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا غايەت زور ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشتى ھەمدە 2016- يىلدىكىدىن %7.6 كۆپەيدى.
  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەقسەد، ئىسلاھات نەتىجىلىرى ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايون ئاممىنىڭ ئىنكاسى ھەممىدىن كۈچلۈك بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېزىلاردا 3 يىللىق دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى يەسلى مائارىپىنى ھەقسىز  يولغا قويدى؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى؛ دەرىجە بويىچە كېسەل كۆرسىتىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق ۋە تەرتىپلىك بولغان داۋالىنىش تەرتىپىنى بەرپا قىلدى؛ ئۆلكە ھالقىغان داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە سودا خاراكتىرلىك سۇغۇرتا بويىچە داۋالىنىش خىراجىتىنى باشقا جايدا بىۋاستە ئاتچوت قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھاتنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.
  مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئەرگۇڭ كوچىسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىكى ئائىلە دوختۇرلىرى  چاڭچىڭ مەھەللىسىدىكى جىن گۈييىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى. بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن جىن گۈييىڭنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغىنىغا 4 يىل بولغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: داۋالىنىش ئىسلاھاتى  بىزگە نۇرغۇن ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن باشلاپ، دورا ئىچىۋاتىمەن. بۇ دورىلارنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. دورا باھاسىغا قوشۇلىدىغان نىسبەت بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، دورا باھاسى تېخىمۇ تۈۋەنلىدى. مەھەللىدىكى ئائىلە دوختۇرلىرى ناھايىتى ياخشى، قەرەللىك ھالدا كېلىپ، قان بېسىمىمنى ۋە قاندىكى شىكەر مىقدارىنى تەكشۈرۈپ قويىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، «كومپارتىيە-- خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى مەقسەد قىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولغۇسى.   خەلقنىڭ ئۈمىدى-- ئىسلاھاتنىڭ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ. مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشتىن تەرەققىي قىلىشقىچە، ماددىي جەھەتتىكى ئىھتىياجدىن مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجغىچە، پاراۋانلىقتىن ھوقوققىچە... «خەلقنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسى-- ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىۋى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خاركىم مۇنداق دېدى: قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان ئىسلاھات بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى نىشانىمىز ۋە يۈزلىنىشىمىز-- ئاممىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىدىيە ۋە نىشانغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە مىخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشىكنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى