قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتىكى ئەليۇلئەلا ئائىلىسى

2018-03-13 17:26:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى ئۈستۈنكى خوتەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇرغۇن سامساق ئائىلىسى يىراق- يېقىندىكىلەرگە تونۇشلۇق ئائىلە. بۇ ئائىلىدە بەش جان نوپۇس بولۇپ، ئۈچ بالىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ مۇسا تۇرغۇن ئىسىملىك ئوغلى 701 نومۇر بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىندى. تۇرغۇن سامساق مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ يېزىدىن چىقىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر 12- ئايدا، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىي ئائىلە نامىغا ئېرىشتى.
  تۇرغۇن سامساق بۇ يىل 49 ياشقا كىردى، گەرچە كىچىكىدىن تارتىپ كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئاتا- ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئائىلە قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا كەنتكە قايتىپ دېھقانچىلىق  قىلدى . 2006- يىلى، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا، دوختۇر خەنزۇ يولداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالماي بەك قىينالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئورتاق تىلىنى چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كېسەللىك ئەھۋالىنى دوختۇرغا ئېيتىپ بېرەلمەي بەك قىينالدىم. ئەينى ۋاقىتتا باللىرىمغا دۆلەت ئورتاق تىلىنى چۇقۇم ياخشى ئۆگىتىمەن، دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن ئىدىم.
  تۇرغۇن سامساق ئايالى بالنىتسىدىن چىققاندىن كېيىن بازارغا بېرىپ ئىككى كەتمەن سېتىۋالدى. بىرنى ئۆزى ئىشلەتسە، يەنە بىرنى تامغا ئېسىپ قويدى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇسا تۇرغۇن مۇنداق دېدى: دادام ھەر قېتىم ياخشى ئوقۇمىساڭ قايتىپ كەل. دېھقانچىلىق قىلىسەن  دەپ كەتمەننىمۇ تەييارلاپ قويدۇم، دەيتتى.
   تۇرغۇن سامساق قانچىلىك جاپا تارتساممۇ بالىلىرىمنى ياخشى ئوقۇتىمەن، دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلدى. بىر كۈن دېھقانچىلىق  بىلەن مەشغۇل بولۇپ چارچىغان تۇرغۇن سامساق ھەر كۈنى كەچتە، بالىلىرىغا دەرس تەكرارلاپ بېرىش، تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. كېيىن، ئۇنىڭ سەۋىيەسى تەدرىجىي يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشپ، ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇردى، ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى بىلەن، بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈردى.
  ئۈچ بالىنى تەڭ ئوقۇتۇش دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئاددىي ئىش ئەمەس. تۇرغۇن سامساق ئەر- ئايال ئىككەيلەن يىل بويى 20 نەچچە مو يەردىكى بۇغدايلىق بىلەن 10 مو يەردىكى كۆممقۇناقلىقتا تېرىقچىلىق بىلەن ئالدىراش. ئۇلارنىڭ يەنە باقىدىغان ئىككى كالا، 7 قوي ۋە بىر توپ توخوسى بار. ئۇلار سەھەر تۇرۇپ كەچ كىرگىچە ئىشلەپ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن تىرىشتى، ئۇلارنىڭ ئەقىللىق ئۈچ بالىسىمۇ ئۆيگە كەلسىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا- ئانىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرەتتى.
   تۇرغۇن سامساقنىڭ تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ چوڭ قىزى تۇرسۇنگۈل تۇرغۇن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىنىپ ھازىر ئوقۇشىنى تامالاپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى؛ ئىككىنجى قىزى تۇراقىز تۇرغۇن بۇ يىل خېنەن پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى؛ ئوغلى مۇسا تۇرغۇن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىدا ھاياتلىق تېبابەت تەجرىبە كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگىستېرلىقنىمۇ قوشۇپ  بىرگە ئوقۇۋاتىدۇ.  بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكى كۈندە، ئۈستۈنكى خوتەن كەنتىدە ھەممە ئۆيلۈك دېگۈدەك بالىلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى