قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەملەر ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئىستېمال قىلىنسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

2018-03-13 17:30:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. چۈچۈمەل تەم: چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق رولى تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، جىگەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىگەردە بولىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاچچىقسۇ قاتارلىق بەزى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەر مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، تېرىنى ئاسرايدۇ، يەنە ئاجىزلىقتىن تەرلەش، ئىچى سۈرۈش، كىچىك تەرەت قىستاش ۋە تەلتۆكۈس بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ھالەتلەرنى داۋالاشتا رولى چوڭ. بىراق، چۈچۈمەل تەم بەدەنگە زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گەرچە جىگەر خىزمىتى كۈچەيسىمۇ، تال خىزمىتى ئاجىزلاپ، تېرىنى قېلىنلاشتۇرۇپ، يۈزگە بالدۇر قورۇق چۈشۈش، كالپۇكنى گەز باغلاش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
2. تۇزلۇق تەم: تۇزلۇق تەم ئاش تۇزى، لامنارىيە ، تېتىمسۇ، قىزىل دېڭىز يوسۇنى قاتارلىقلاردىن قوبۇل قىلىنىدۇ، تۇزلۇق تەم ئاساسلىق تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، تاماقلارغا تەم كىرگۈزىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئىچى سۈرۈش، ياندۇرۇش، تەرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، ئازراق تۇز قوشۇلغان سۇنى ئىچىپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، بەدەندىكى ئېلېكتىرولىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بىراق، تۇزلۇق تەممۇ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك ئاجىزلىق، سۇلۇق ئىششىق، قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. تاتلىق تەم: بۇ تەم ئاساسلىقى شېكەر، قەنت، سۇلۇ شېكىرى، ھەسەل، گۈرۈچ، ئۇن تائاملىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولىدۇ. تاتلىق تەملىك يېمەكلىكلەرنىڭ رولى ئاساسلىقى تەنگە ماغدۇر كىرگۈزۈپ، تال ۋە ئاشقازان خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىپ، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما، تاتلىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ۋىتامىن B1، ۋىتامىن Eنى كېمەيتىۋېتىدۇ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، خولېستېرىننى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، چىراي قارىداپ كېتىش، دېمى سىقىلىش، بەل - پۇتلىرى تېلىپ ئاغرىش، چېچى بالدۇر چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا، قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، سەمرىپ كەتكەنلەر، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى ۋە بۇنىڭدىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
4. قىرتاق تەم: بۇ تەم ئاساسلىقى پىياز، ئاچچىق كاۋا، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، چاي، قەھۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، بۇ تەمنىڭ بەدەندىكى رولىمۇ مۇھىم بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنسا، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، بەدەندىكى توپلىشىپ قالغان ئىسسىقنى تارقىتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما، قىرتاق تەم بەدەنگە زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئادەمدە ئوڭايلا كۆڭۈل ئاينىش، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، قىرتاق تەمنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا، ئۆپكە خىزمىتى ئاجىزلاش، تېرە قۇرغاقلىشىش، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئاچچىق تەم: بۇ خىل تەم ئاساسلىقى زەنجىۋىل، غولپىياز، سامساق، مۇچ، قارامۇچ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولىدۇ، ئاچچىق تەمنىڭمۇ ئۆزگىچە رولى بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىل قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازان - ئۈچەي ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەدەندىكى يەلنى ھەيدەپ، سوغۇقنى تارقىتىدۇ، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ، خىلىتنى تەڭشەپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ. ئەمما، بەدەندىكى ئاچچىق تەم زىيادە ئارتىپ كەتسە، ئاشقازان يارىسى، گېموروي، مەقئەت يېرىلىش، تېرە كېسەللىكلىرى، تىرناق يېرىلىش، پەي تارتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى